تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

      7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى شىنجاڭ خوتەندە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ خوتەن، 7- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر زوۋ ۋېي) 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە شىنجاڭ خوتەندە ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، دەل جايىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئۇزاققىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ زورلۇقى، قاتناشقان خادىملارنىڭ كۆپلۈكى، قاپلىغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى مىسلىسىز بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى زور دەرىجىدە چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى زور دەرىجىدە نامايان قىلدى. نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، شىنجاڭ خىزمىتىمۇ يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە جەزمەن تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىش، ئىلمىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ خاس كەسىپ، يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ كەسىپ تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەبلەغ تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىشىنى قوللاپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا مەدەنىيەت، مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى يۇرت - ماكانىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كادىرلارنى چېنىقتۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش سۇپىسى قىلىپ، تەكشۈرۈش، باھالاش - باھا بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغانلارنى غەيرەتكە، سەھنىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

يوۋ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ياخشى ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو، باتېر يىغىنغا قاتناشتى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، شىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، شەندۇڭ، خۇبېي، خېنەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

خوتەندىكى مەزگىلىدە، ۋاڭ ياڭ يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە كارخانىلارنى تەكشۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى يوقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.