تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتەيلى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتەيلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان 14- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماركسىزملىق پارتىيە يۈكسەك سىياسىي غايىگە، ئالىيجاناب سىياسىي ئىستەككە، ساپ سىياسىي پەزىلەتكە، قاتتىق سىياسىي ئىنتىزامغا ئىگە. ئەگەر ماركسىزملىق پارتىيە سىياسىي جەھەتتىكى ئىلغارلىقنى يوقىتىپ قويسا، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ، بىزنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىشىمىزنىڭ داۋلىيسى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى بىر مەڭگۈلۈك تېما. سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. سىياسىي يۆنىلىش پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بىز چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي يۆنىلىش − كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىدۇر، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولۇپ، پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ. پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، بۇنى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى باش ۋەزىپە قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئەلرايىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىينى چىڭ تۇتۇپ، ئەل قەلبى، ئەلرايىنى ئۇتۇش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە بولۇپ، جەزمەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدىكى ئۇللۇق، دائىملىق خىزمەت قىلىش كېرەك. توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى سىياسىي مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە دادىللىق بىلەن، قەتئىي ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ سۈپىتى ئۆزگەرمەيدىغان، مەڭگۈ رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئېسىل ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك، تەلەپچان بولۇش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، ئائىلىنى پاك باشقۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى، سىياسىي ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاش، سىياسىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.