تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو جېڭۋېي گۇرۇھى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال كەسىپلەر باغچىسىدا تۈر قۇرۇلۇشى، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1- ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەھسۇلات تۈرى ئەڭ تولۇق بولغان پولات - تۆمۈر كارخانىسى. چېن چۈەنگو 1- تۆمۈر تاۋلاش شۆبە زاۋۇتىنىڭ مەركىزىي كونترولخانىسى ۋە قىزدۇرۇپ پىروكاتلاش شۆبە زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات سېتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئەمەلىي كۈچنى زورايتىش، ساغلام تەرەققىي قىلىش كېرەك.

جېڭۋېي گۇرۇھى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال كەسىپلىرى باغچىسىدا، چېن چۈەنگو تۈر قۇرۇلۇشى، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن چۈەنگو بىر قىسىم كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق پارچە زاپچاس، ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنە پەن - تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىش، رىقابەت ئەۋزەللىكى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلمىي باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار ئۇسۇلنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئىنچىكىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ھاياتىي كۈچ ئېلىپ، ئۈنۈم ئېلىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر ساھە، ھەر تەرەپتىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي بازار ئېچىشنى كۈچەيتىپ، بازارنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىنىڭ بازار ئۆزگىرىشى ۋە ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، رىقابەت كۈچى ۋە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق پايدىسىنى سىجىل قويۇپ بېرىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، تۈپ ۋەزىپىسى، كونكرېت نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.