تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ   پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى    جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

7- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز ئېلان قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

■ يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك.

■ باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپە. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بىرىنچى قوللار خىزمەت ئىشلىگەندە ئالدى بىلەن ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيدانىنى چىڭىتىپ، سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دائىم پەرقلەرنى توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئۆز پېتى بېجىرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي) مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىستىلنى توغرىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك، بۇنى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى بەلگىلىگەن. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇلازىمەت قىلىشى ئەڭ بىۋاسىتە بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قارىتا مۇھىم يۆنىلىش بەلگىسىلىك رولغا ئىگە. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشتا، جەزمەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ چىڭىتىش، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مۇھىم تەجرىبىلەر توپلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلغاندىلا، ئاندىن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي ئورگان بولۇشتەك روشەن خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ؛ پەقەت يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ پەقەت مەركەزنى چۆرىدەپ، قوشۇن قۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن ئورۇننى توغرا تاپقىلى بولىدۇ؛ پەقەت ئۇزاققىچە ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئۇل سېلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئاندىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ؛ پەقەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ماھىر بولغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن سۈپەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى، ئۇنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغىلى بولىدۇ؛ پەقەت پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) بەنزىسى باشلامچى بولۇش، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ئورگان ئارقىلىق سىستېمىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ئاندىن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپىسى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، بىرىنچى قوللار خىزمەت ئىشلىگەندە ئالدى بىلەن ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيدانىنى چىڭىتىپ، سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دائىم پەرقلەرنى توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئۆز پېتى بېجىرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىدە گەۋدىلەندۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم يۈكسەك ئەقلىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ھەم قەتئىي قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشتە ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئىشىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ياش كادىرلار ئارىسىدا سىياسىي نەزەرىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، سىياسىي ئىرادىنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، سىياسىي خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، شارائىت ھازىرلاپ كادىرلارنى كۈرەش ئەمەلىيىتىدە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، بېلىنى رۇسلايدىغان قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئاساسىي قاتلامنى كۈچەپ تۇتۇشتەك روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك ئورگان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئىككى باشنى تۇتۇپ ئوتتۇرىدىكىلەرنى يېتەكلەش، ئارقىدا قالغانلار ئىلغارلارغا يېتىشىۋېلىش، ئوتتۇرىدىكىلەر ئىلغارلار بىلەن بەسلىشىش، ئىلغارلار تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» قاتارلىق تۈزۈملەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھەممىسىنى قىپقىزىل بايراققا، ھەربىر ياچېيكىنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىدىغان جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئۇزاققىچە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئورگان قۇرۇپ، ئاممىغا يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى كەيپىياتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي يېڭىشى كېرەك. ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاشتەك ئېسىل ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى تېپىشى كېرەك. قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىدىكى «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەربىيەسى، سىياسىي ئەخلاق تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا بولغان ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جەزمەن پاك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىقنىڭ باھانىسى قىلىۋالماسلىق كېرەك. پاك ۋە مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچانلىق ۋە پاكلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىيدا بىخۇد، ئىش بېجىرىشتە مۈجمەل ھاماقەت ئەمەلدار بولماسلىق، كۈنبويى قورساق تويغۇزۇشنىلا بىلىپ، ھېچقانداق ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھۇرۇن ئەمەلدار بولماسلىق، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىدىغان، ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدىغان چاكىنا ئەمەلدار بولماسلىق، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان، ئاينىپ پەزىلىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن خىيانەتچى ئەمەلدار بولماسلىق كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە جەزمەن ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشى ۋە توغرا ئىگىلىشى كېرەك. ئورتاقلىق ۋە خاسلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسىنى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان پىكىر يولى ۋە تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، تاۋلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا قانۇنىيەتلىك تونۇشقا ئۆستۈرۈپ، ئۇنى ئۇزاققىچە رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان قىلىشى كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن كەسپىي خىزمەتنى بىرلىكتە پىلانلاش، بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. نىشان يېتەكچىلىكى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك؛ ھەم مەسىلىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. قائىدە - تۈزۈم تۇرغۇزۇش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا تۈزۈم ئورنىتىش ناھايىتى مۇھىم، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش تېخىمۇ مۇھىم، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىپ، ئەمەل قىلىپ، ئىجرا قىلىپ، ئاساسىي تۈزۈمدىن باشلاپ چىڭىتىپ، كۈندىلىك قائىدىلەردىن باشلاپ تۇتۇشى كېرەك. ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىدىيەۋى تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، شەكىل، ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا، جەزمەن ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى مەھكەم تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى تارماق پارتگۇرۇپپىلار (پارتكوملار) ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىقنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتالماسلىقنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق دېگەن ئىدىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئورگان پارتكومى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەركەزدىكى ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت كومىتېتلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەرقايسى تارماق پارتگۇرۇپپىلار(پارتكوملار)نىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك - ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن پارتىيە ئىشلىرى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرى كادىرلىرىنى سىياسىيدا زېرەك ئادەم، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى كەسىپ ئەھلى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سىردىشى قىلىپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان مۇھىم سۆزىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرچى - ۋەزىپىسىنى، نۇقتىلىق خىزمىتىنى، ئاچقۇچلۇق تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆشياڭ خۇلاسە سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.