تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنى 7- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق سىستېمىلىق، ئومۇمىي جەھەتتە قايتا قۇرۇش. بىز مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئومۇمىي جەھەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سىستېمىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قوراللىق كۈچلەر سىستېمىسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمەت سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش خاراكتېرىدە تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش كۈچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق كۈچى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللەش ھاياتىي كۈچىنى سىستېمىلىق كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيەلىك سىستېمىسى ئاساسىي گەۋدە رامكىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر مۇھىم، زور ھەرىكەت، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكەت. پارتىيەنىڭ 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قائىدە - نىزاملىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئادەمنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قاتتىق ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 19- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تاماملاپ، بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى؛ ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەركەز بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماسلىقنى ساقلىدى، مەركەزدىن يەرلىككىچە يۈرۈشۈشى راۋان، ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشقان خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ ئارمىيە - يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھات ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلدى؛ مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئاپپارات ئىسلاھاتلىرى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، بىز قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدەندۇق ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، ئۇ بولسىمۇ، پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق، تىكلەنمىگۈچە قالدۇرماسلىق، ئالدى بىلەن تىكلەپ ئاندىن قالدۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردۇق، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشىدا چىڭ تۇردۇق، ئىسلاھات بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە، ماسلىقىدا چىڭ تۇردۇق، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى تامامەن توغرا بولغان، ئىسلاھاتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش مۇستەھكەم كۈچلۈك بولغان، بۇ پۈتۈن پارتىيەنىڭ يۈكسەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بارلىققا كەلتۈرگەن ياخشى سىياسىي ئېففېكتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي قۇرۇلمىنى قايتا قۇرۇشنى تاماملاش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەقەت «يۈزەكى» مەسىلىلەرنىلا ھەل قىلدى، ھەقىقىي تۈردە «خىمىيەلىك رېئاكسىيە» پەيدا قىلىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپاراتنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇشنى تۈزۈم، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا، تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى نۇقتىلىق ھالدا زور ئىشلارنى پىلانلىشى، زور ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشى، زور ئىشلارنى تۇتۇشى، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى، فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىشى كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىشتە، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى بىرلىككە كەلگەن تەۋەلىك بويىچە ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ساھەسىدىكى مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك. ئاپپاراتلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي ھالدا «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسى بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتا، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئىككىسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ۋە دۆلەت تۈزۈمىنىڭ بىرلىكى، سىياسەت - پەرمانلىرىنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئۆز ساھەسى، ئۆز سىستېمىسىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى ياخشى ئىشلىشى، يەرلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىللە، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك يانداش ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنى ئايرىش، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنى ئايرىش، باشقۇرۇش بىلەن ئىش بېجىرىشنى ئايرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش پىرىنسىپى بويىچە، كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىشتا، تۈرلۈك تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئاپپارات ئىشتاتىنى داۋاملىق قاتتىق، چىڭ كونترول قىلىش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشتە، يېڭى ئاپپارات، يېڭى فۇنكسىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خەلق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشتەك كۈرەش قىياپىتى ۋە قانچە جاپالىق، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش روھىنى ساقلاپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭ دائىرىسىدە پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلدى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بىز ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئىستراتېگىيەلىك جەڭ. ئاپپارات ئىسلاھاتى ياراتقان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئالدىمىزغا قويۇلغان قاتتىق ۋەزىپە. ھازىر 2020- يىلىدىكى مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پەقەت بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. بىز ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، داۋاملىق قاتتىق جەڭ قىلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز بىلەن يەرلىك، باشلامچى تارماقلار بىلەن قاتناشقۇچى تارماقلار، ئاساسىي گەۋدە ئىسلاھاتى بىلەن يانداش لايىھە، ئىسلاھات تەدبىرى بىلەن قانۇنچىللىق كاپالىتى، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن خۇلاسىلەش - كېڭەيتىش، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنىڭ يۈرۈشلۈك بىرلەشمە ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، تەرەققىياتنى پىلانلاش تەپەككۇرى، گەۋدىلىك زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئومۇميۈزلۈكلۈكى، ماسلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى ساھەلەر ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىر پۈتۈن ئۈنۈم ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ سۈپىتى ۋە يولغا قويۇلۇش نەتىجە - ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ۋەزىيەت ئۆزگەرمەكتە، ۋەزىپە ئۆزگەرمەكتە، خىزمەت تەلىپىمۇ ئۆزگەرمەكتە، جەزمەن ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات، مۇھىم، زور تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان ئىسلاھات، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدى بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نەتىجىلەرنى رەتلەپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشىگە، تېخىمۇ مۇقىملىشىشىغا ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ئاپپارات ئىسلاھاتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يارىتىلغان پايدىلىق شارائىتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ پۇختا، ئىنچىكە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

يىغىندا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئىشتات ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى دوكلات بېرىپ سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، ئارمىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.