تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت يېڭى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار تورغا چىقىرىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە ماسلىشىش، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلق نەشرىياتى، مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى قاتارلىق 11 نەشر ئورنى نەشر قىلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت 30 خىل نۇقتىلىق كىتاب 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، شىنخۇا كىتابخانىسى تور سودا شەھەرچىسى، يىيۆتۇڭ، مىگۇ، جاڭيۆ قاتارلىق 14 توردا تارقىتىش سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلدى.

30 خىل نۇقتىلىق رەقەملىك كىتاب باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرى، سۆزلىرىنىڭ كىتابچىسى ھەمدە نوپۇزلۇق تارماقلار قاتارلىقلار تۈزگەن بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر، ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى، ئىدىيە تەتقىقاتى، ئاتالغۇ چۈشەندۈرۈلۈشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 14 توردا تارقىتىش سۇپىسى «يېڭى دەۋر، يېڭى كىلاسسىك ئەسەرلەر−شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلار مەخسۇس ئىستونى»نى تەسىس قىلدى، خەلق تورى قاتارلىق مەركەزدىكى يەتتە نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكىتى مەخسۇس ئىستون ئۇلانمىسى تەسىس قىلىپ، كۈچەپ ئالاقە تورى ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار-ئاممىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

بۇلتۇر 9-ئايدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەشكىللىك ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە ئائىت 1-تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق رەقەملىك كىتابلارنى مەركەزلىك تورغا چىقارغاندىن بۇيان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ زىيارەت قىلىش مىقدارى، چېكىش مىقدارى، چۈشۈرۈش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئوقۇشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.