تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان 13- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىشقا، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشتىكى تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇشتىكى كونكرېت نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە كۆزلىمە ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى شۇكى، مەيلى بىز قانچىلىك يىراققا ماڭغان بولايلى، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلەپلىرىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتىلىپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆزئارا باغلىنىشلىق بىر پۈتۈن گەۋدە، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا قويغان ئىدىيە، سىياسىي، ئىستىل، ئىقتىدار، پاكلىق جەھەتتىكى ئاساسىي تەلىپىنى نامايان قىلدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەشۋىقات، ئاممىۋى پىكىرنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككى ياقلىمىلىق»تىن ساقلىنىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.