تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 29- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جيەنمىن، جېڭ شياۋيى) 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ياپونىيەنىڭ دابەندە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى.

سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. يېقىندا بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش چۆرىدىلىپ كەڭ ئورتاق تونۇش ۋە مول نەتىجە ھاسىل قىلىندى. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت ھەر تەرەپلىمە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تەرەققىيات نەزەر دائىرىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە بەخت يارىتىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. بىز بارلىق قىزىقىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ ئورتاق قاتنىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان «تورت»نى قول تۇتۇشۇپ زورايتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ئاساسىدا، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىشنى ھەمدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

شۇ يەر ۋاقتى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باشلىقلار يىغىنى يېپىلدى.

ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.