تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دابەن، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭيىن جيازى، خاۋ ۋېيۋېي) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 29- كۈنى دابەندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 3- ئايدا مەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم. زىيارەت مەزگىلىدە بىز ھاسىل قىلغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىملىرى مۇقىم ئەمەلىيلەشمەكتە. دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلمىگەن زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىك تەتۈر ئېقىنى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو - فىرانسىيە چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق ھالدا كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىقى تۈرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يادرو ئېنېرگىيەسى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيەنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ 2021- يىلىدىكى جۇڭگو - فىرانسىيە مەدەنىيەت، ساياھەت يىلىغا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو - فىرانسىيە خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ماسلىشىشنى ساقلاپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ماكرون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 3- ئايدا فىرانسىيەگە قىلغان زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. مەن جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، پۇقرالار پايدىلىنىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلاردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە - جۇڭگو ئوخشاشلا كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللايدۇ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشتا زىچ ماسلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك قارالمىلاردا پائال ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يارىشىشقا دەۋەت قىلىش، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جارى قىلدۇرغان مۇھىم ۋە ئىجابىي رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.