تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى پېڭشىن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

6- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشماقتا.

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، جى جېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

چېن چۈەنگو ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى» بولۇپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلغانلىقى باش شۇجىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك «خەلق رازى بولغان مەمۇر»لار ۋە «خەلق رازى بولغان مەمۇرلار كوللېكتىپى»نىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېغىشلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆزىنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش؛ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش؛ پاك - دۇرۇس بولۇشنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، ئىنتىزامغا، قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، كۆڭلىدە ئېھتىيات قىلىپ، ھەرىكىتىگە چەك قويۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، قىزىل سىزىققا دەسسىمەي، يۇقىرى بېسىملىق سىمغا تەگمەي، باشتىن - ئاخىر خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ مەمۇرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلاردىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.