تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر چوقۇم باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر چوقۇم باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك

■ پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلىشى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكى، قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەكلىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكى، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش.

■ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، تەشكىل تۈرتكە بولۇش بىلەن شەخسلەر تەشەببۇسكار بولۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدا 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، قانداق قىلىپ خەلقنىڭ مەڭگۈ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش، قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش − بىز چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىشكە، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر تۈپ مەسىلە. پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلىشى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكى، قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەكلىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكى، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش سۈن يېلى بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىن، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى بولىدۇ، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى بايراملىق تەبرىكلەيمەن!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت − پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى چۆرىدەپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلامچىلىق بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا پۈتۈن پارتىيەگە نەمۇنە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلغان ھەم ئىزچىل پارتىيەنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى جەريانىدا نامايان قىلغان. پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىز شۇنچە ئاجىز، كىچىك ئەھۋالدىمۇ پەيدىنپەي راۋاجلىنىپ زورىيالىدى، قانلىق قىرغىنچىلىقتا ھەر قېتىم ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلىدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭالىدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا بولسۇن، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىشى ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشكەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار. بىز ھەرگىزمۇ ئالقىش، ماختاش سادالىرى ئىچىدە ئىنقىلابىي روھ ۋە كۈرەش ئىرادىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز، پەيدىنپەي ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلىنىش، ئالغا ئىنتىلمەسلىك، راھەت - پاراغەتكە بېرىلىش ھالىتىگە پېتىپ قالماسلىقىمىز، بەلكى پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىمغا بارغاندا دولقۇننىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى قىلىشىمىز، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، چوقۇم كۈچلۈك بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇش كېرەك. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغىمۇ 70 يىل بولدى. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئامىللار ھەر ۋاقىت مەۋجۇت، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ بولغان، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ھەممىلا جايدا مەۋجۇت، «تۆت چوڭ سىناق»، «تۆت خىل خەۋپ - خەتەر» يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، ئەگەر قاتتىق ئالدى ئېلىنمىسا، ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ جۇغلانغان ناچار ئىدىيە، ناچار ئىستىلنى ئۆزگەرتىش تەسكە توختاپ، كىچىك مەسىلە چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، كىچىك تۆشۈكچە چوڭ گۈمۈرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەرگىزمۇ بىرئاز توختىۋېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش ئويىدا بولۇشقا بولمايدۇ. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلاردا چوقۇم ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەگە مەسئۇل بولۇش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى بولۇشى، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ماركسىزم بىزنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۆتكۈر ئىدىيەۋى قورال. پارتىيەمىز ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مول ئىدىيە نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردى، مەسىلەن، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيەنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش، ئۈزلۈكسىز ھالدا پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتىنى ساپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىستىلىنى ساپلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ تېنىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەجرىبە، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئاچقۇچ مەسىلىلەرگە توغرا قاراش ئاڭلىقلىقى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بولۇشتا. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىشى، پارتىيە ئىشلىرىغا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن بولغان مەسىلىلەردۇر، جەزمەن تەلتۆكۈس ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى خەلق ئاممىسى ھەمىشە ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ تۇرىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرگەن - ئۆزگەرمىگەنلىكى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان - ساقلىمىغانلىقىنى ئامما باھالايدۇ، ئەمەلىيەت تەكشۈرىدۇ. بىز ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ تۇرۇپ ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلماي، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلىشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيە تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، بىخ ھالىتىدە تۈزەش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز كەلگۈسىنى ئېچىش كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا كىتابتىن ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىپ، خەلق ئاممىسىدىن ئۆگىنىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش ۋە سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەنزىل، ئىدىيە مەنزىلى، ئەخلاق مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش بىلەن پارتىيە ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تەۋرىتىدىغان، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي يېڭىشى كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى قەتئىي ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئىدىيە، پىكىر يولى، چارە، ۋاسىتە ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەزى كىشىلەرنىڭ قالايمىقان ئىش قىلىدىغان قول - پۇتىنى چۈشەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان قول - پۇتىنى قويۇپ بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىدىغان، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىدىغان قويۇق كەيپىيات ۋە جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەشكىل تۈرتكە بولۇش بىلەن شەخسلەر تەشەببۇسكار بولۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەم ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇش، قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىشىغا تايىنىپ، ھەم كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشىگە، بەدىنىدىكى سىياسىي چاڭ - توزانلارنى تازىلىشىغا تايىنىپ، سىياسىي ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىدا. رەھبىرىي كادىرلار يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، باشلامچىلىق بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن پايدىلىنىشى، باشلامچىلىق بىلەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقىنى تۈزىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.