تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قەتئىي تۈردە دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، جى جېڭ، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسى، تەپەككۇر يۆنىلىشى، تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋردە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ تىنچ - ئامان شىنجاڭ، ئىناق شىنجاڭ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش مۇساپىسىدە ئوينىغان مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدىكى ئورۇن بېكىتىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىنىڭ، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ساقچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي - ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك. باش ۋەزىپىنى ئىگىلەپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك؛ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى ئاستىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرىنى ياخشى تاللىشى، كۈچەيتىپ سەپلىشى كېرەك. ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، كۈچەپ پولاتتەك غايە - ئېتىقادقا، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىققا، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەتكە، پولاتتەك ئىنتىزامغا، ئىستىلغا ئىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ساقچىلارغا ئېتىبار بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشۇشقا، پائال نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، چۈشىنىدىغان، قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.

ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىش، ھەقىقىي تۈردە قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئېففېكتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.