تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ھەقىقەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەڭ زىيالىيلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ نۇر گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

ھەقىقەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەڭ زىيالىيلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك

تەبرىك خېتى

  نۇر گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  70 يىلدىن بۇيان، نۇر گېزىتى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىيالىيلار ساھەسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەخلاق ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيە ئارقىلىق ئويغىتىش، مەدەنىيەت تارقىتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  نۇر گېزىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە - مەدەنىيەت چوڭ گېزىتىلىك ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ زىيالىيلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئۇلارغا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، كەڭ زىيالىيلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

  2019 - يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى نۇر گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، گېزىتخانىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، نۇر گېزىتى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دەۋر بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىيالىيلار ساھەسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەخلاق ئارقىلىق يېتەكلەش، تەربىيە ئارقىلىق ئويغىتىش، مەدەنىيەت تارقىتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ نۇر گېزىتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە - مەدەنىيەت چوڭ گېزىتىلىك ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ زىيالىيلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى ۋە ئۇلارغا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈپ، كەڭ زىيالىيلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  6- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نۇر گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈپ، زىيالىيلارنىڭ مەنىۋى ماكانىنى كۆڭۈل قويۇپ قۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، مەزمۇن قۇرۇلۇشى ۋە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئەۋزەللىك ئارقىلىق، نۇر گېزىتىنى مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، روشەن خاسلىققا ئىگە، تەسىرى كەڭ بولغان ئىدىيە - مەدەنىيەت چوڭ گېزىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا، نۇر گېزىتخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى، تەھرىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

  نۇر گېزىتى 1949- يىلى 6- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشر قىلىنغان، ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باشقۇرىدىغان، چىقىرىدىغان، زىيالىيلارنى ئاساسىي ئوقۇرمەن ئوبيېكتى قىلغان پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىدىيە - مەدەنىيەت چوڭ گېزىتى، 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقىتىلىدۇ، تىراژى 1 مىليون پارچىدىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.