تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

 شى جىنپىڭ قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 6- ئاينىڭ 9- كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى راخماننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.