تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ساينت پېتېربۇرگ، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، لۈ چۈەنجۇڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ساينت پېتېربۇرگدا ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇراسىمغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ ئاساسىي بىناسىغا يېتىپ بارغاندا، پۇتىننىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق كۆرگەزمىسىنى ئورتاق ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە چوڭ دەرسخانىغا كىردى. دەرسخانىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەزىز مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىزغىن چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى. نەق مەيداندا جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلاندى.

  ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش قارارىنى ئوقۇدى ھەم رەئىس شى جىنپىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى بەردى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى نامىنى قوبۇل قىلغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسى دۇنيادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتى، تارىخى ئۇزاق، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار توپلاشقان، تالانتلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە ھەم دۇنيانىڭ ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان، شۇنداقلا زور تۈركۈمدىكى خەنزۇ تىلىغا ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە پىششىق خەنشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. مائارىپ ھەمكارلىقى خەلقنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم يول. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسى جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن قويۇق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ رۇسىيەدە تارقىلىشىغا ك−ۈچلۈك تۈرتكە بولدى، رۇسىيە تەتقىقاتىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل 4- ئايدا، مەن بېيجىڭدا چىڭخۇا داشۆنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بەرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولغانىدىم. چىڭخۇا داشۆسى بىلەن ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەتتىكى مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئانا مەكتىپى. ئىككى مەكتەپنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى بېرىشى ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ ۋە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى قويۇق ئالاقىسىنىڭ دەلىلى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى يۇقىرى سەۋىيەنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى كەڭ تارقىتىپ، ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا توپلاپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسى. بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىككى دۆلەت ياشلىرى دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئۆزئارا رىغبەتلەندۈرۈپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئۆز غايىسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك.

  پۇتىن تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئانا مەكتىپىمنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا پەخرىي دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، مەن رەئىس شى جىنپىڭنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى، خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەسىدە بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۆزى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ساينت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسى قاتارلىق رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئاپپاراتلىرى بىلەن مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بىز ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرسەك، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا جەزمەن تۈرتكە بولالايمىز.

  مۇراسىم نەق مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ناخشىسى» ناملىق خورى بىلەن ئاخىرلاشتى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيەلىك ئوقۇغۇچىلار شى جىنپىڭغا ماي بوياق رەسىم ئەسىرىنى سوۋغا قىلدى. رۇسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار پۇتىنغا ماي بوياق رەسىم ئەسىرىنى سوۋغا قىلدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مېندېلېيېۋ خىزمەتخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ موسكۋادىن ئايرىلىپ، ساينت پېتېربۇرگقا يېتىپ بېرىپ، 23- نۆۋەتلىك ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى. شى جىنپىڭ ساينت پېتېربۇرگ ئايرودۇرۇمىدا رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. موسكۋادىن ئايرىلىدىغان چاغدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئايروپورتتا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ رۇسىيە ئۈچ ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتى ھەم پاراتنى كۆزدىن كەچۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.