تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى يەتكۈزۈش

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ گوپېڭ

  6- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچقۇرۇن، موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيى، «دىڭ دىڭ» بىلەن «رۇ يى» ئۆزلىرىنىڭ «چوڭ يۈرۈشلۈك ئۆيى»دە ئىشتىھا بىلەن سەۋزە يەۋاتاتتى، يەنە پات - پات ئايرىش ئەينىكى سىرتىدىكى مۇخبىرغا بېشىنى چايقىشىپ، ئوماق قىلىق چىقىراتتى.

  ئىككى كىچىك جانىۋارنىڭ جۇڭگو چوڭ مۈشۈكئېيىق قوغداش تەتقىقات مەركىزىدىكى يائەن بىفېڭ جىلغىسى بازىسىدىن بۇ يەرگە كەلگىنىگە بىر ئايدىن ئاشقانىدى. ئۇلارنىڭ 10 مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى بۇ يېڭى ئۆيىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ يەردىكى يېڭى تۇرمۇشقا ماسلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  سائەت 20دىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇتىن زۇڭتۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسىغا كېلىپ، مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مۈشۈكئېيىق سارىيىدا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاڭ جيەنلۇڭ، موسكۋا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى سۇبيانىن، موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ باغچە باشلىقى ئاكلوۋا رەئىس شى جىنپىڭغا بۇ ئىككى جۇڭگو چوڭ مۈشۈكئېيىقىنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىدا «دىڭ دىڭ» بىلەن «رۇ يى»نىڭ ھەربىرىگە بىر يۈرۈش ئىككى ياتاقلىق، بىر مېھمانخانىلىق «چوڭ يۈرۈشلۈك ئۆي» تەييارلاپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېيىش، ئۇخلاش، ئويناش ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭدىن سىرت، ھايۋاناتلار باغچىسى يەنە يېمەكلىك تەييارلاش ئۆيى، بامبۇكنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۆيى، نازارەت قىلىش - كونترول قىلىش ئۆيى سەپلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ياخشى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئارىلاپ سوئال سورىدى.

  ئىككى رەھبەر مۈشۈكئېيىق سارىيىدىن چىققاندا، سىرتتا ساقلاپ تۇرغان 30دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە رۇسىيەلىك كىچىك دوست ئۇلارنى دەرھال ئارىغا ئېلىۋالدى.

  جۇڭگولۇق كىچىك دوستلار رەئىس شى جىنپىڭدىن «شى بوۋا ياخشىمۇ سىز!» دەپ ئەھۋال سورىدى ھەم رۇس تىلىدا زۇڭتۇڭ پۇتىندىن ئەھۋال سورىدى.

  رۇسىيەلىك كىچىك دوستلار خەنزۇ تىلىدا رەئىس شى جىنپىڭدىن «ياخشىمۇ سىز!» دەپ ئەھۋال سورىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بالىلار بىلەن «ياخشىمۇ سىلەر!» دەپ سالاملاشتى.

  ئىككى رەھبەر بالىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  بالىلار قولىدا مۈشۈكئېيىق قونچىقىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  بۇ مەنزىرە، بۇ كۆرۈنۈش شۇ قەدەر ئىللىق ئىدى.

  سىرتتىكى قىزغىن كەيپىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىمۇ قانداق، «دىڭ دىڭ» بىلەن «رۇ يى»نىڭ كەيپىياتى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى بولۇپ، سەۋزىنى تېخىمۇ ئىشتىھا بىلەن چايناپ، ئوماق قىلىقلارنى چىقىرىپ، مۇشۇنداق يېقىملىق، راھەت، ئىناق باش ياز كېچىسىدىن ھۇزۇرلىناتتى.

  بۇ، بۇ ئىككى «جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق ئەلچىسى»نىڭ رۇسىيەدە تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئۆزىنى كۆرسىتىشى ئىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، پۇتىن زۇڭتۇڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «دىڭ دىڭ» بىلەن «رۇ يى»نىڭ موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ماكانلاشقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. «بىز مۈشۈكئېيىقنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ھەمىشە چىرايىمىزدا كۈلكە جىلۋىلىنىدۇ. جۇڭگو <دۆلەت گۆھىرى> بولغان مۈشۈكئېيىقنى بۇ يەرگە يەتكۈزدى، ئۇلار بىز ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىغا گۇۋاھ بولىدۇ».

  شۇ كۈنى كەچتە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «دىڭ دىڭ» بىلەن «رۇ يى» موسكۋا ھايۋاناتلار باغچىسىغا ماكانلىشىپ، رۇسىيە خەلقىگە، بولۇپمۇ كىچىك دوستلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ يەنە بىر داستانىغا ئايلىنىدۇ. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، تاراتقۇ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ خەلق كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان، خۇشاللىق بىلەن ئاڭلايدىغان، ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر، ھەرقايسى جايلارنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئورتاق يەتكۈزىمىز».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 6- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.