تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئاچتى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو سەپەرۋەرلىك قىلدى، سۇڭ يۈيىڭ سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ يۈيىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايرىقى روشەن ھالدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيەگە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم يول، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر تەلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەخىرسىز ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تىرىشىپ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك-دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش كونكرېت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۆگىنىش-تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىر قېتىملىق نەزەرىيە چوڭ ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشىگە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىشلىشىگە كۈچەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەنگە چۆكۈپ ئەلرايىنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈگۈننى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، ئەتراپلىق ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، دەل جايىدا تەكشۈرۈپ-كۆزىتىپ، تۈزىتىشنى توغرا نىشان بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەرتىپكە سېلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىش كېرەك. تۈزىتىش تەدبىرىنى مەسىلىگە قارىتىپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، بەنزە ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجابىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ تەشۋىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا ئېلىپ بېرىلىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سۇڭ يۈيىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ باش تېما تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، تەستىق سالدى، 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا زىچ تايىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىشنىڭ جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلىشى، خىزمەت تەكلىپى بېرىشى، باش تېما تەربىيەسىگە ئائىت تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان پېشقەدەم يولداشلار، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ 1-تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.