تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 2- تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 2- تومىنىڭ موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچىدىن ئىبارەت بەش خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ بارلىق تەرجىمە خىزمىتى تاماملىنىپ، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  مىللىي رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئۆگىنىشى، چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ۋە مىللەتلەر نەشرىياتىنى تەشكىللەپ، بەش خىل مىللەت يېزىقى نۇسخىسىدىكى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 2- تومىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 2- تومىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلىگەن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ 2014- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 2017- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك تېلېگراممىسى قاتارلىق 99 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن، يەنە شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى سۈرەتلىرىدىن 29 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. پۈتۈن كىتابتا جەمئىي 17 مەخسۇس تېما بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات تومۇرى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 2 - تومىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مىللىي رايونلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كەڭ ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.