تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

  ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى      شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلدى. يىغىندا، جى جېڭ، جاڭ چۇنلىن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلىپ سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىزنىڭ قەتئىي، كەسكىن تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ مىزان ۋە قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ قورغاننى ئالىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىنتايىن ئېنىق، نىشان يۆنىلىشى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئاچقۇچ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، خىزمەت جەزمەن ئەمەلىي بولۇش. دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار توپقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماي، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەي، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەي، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەي، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، قىيىن ئۆتكەل ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، جەريان جەزمەن ئەمەلىي بولۇش. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، سېلىنما سىستېمىسى، سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، نازارەتچىلىك سىستېمىسى، تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر قولدا قېپقالغان نامرات ئاھالىلەرنى ئازايتىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنى مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈشنى تۇتۇپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامرات ئاھالىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، نەتىجىلەر جەزمەن ھەقىقىي بولۇش. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان، ساختا خىزمەت نەتىجىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، «ساختا شەكىلدىكى» «ھېسابات شەكلىدىكى» «كۆرسەتكۈچ شەكلىدىكى» «تۇراقسىز شەكىلدىكى» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئىستىل جەزمەن ئەمەلىي بولۇش. ئىستىل ئۆزگەرتىشتە بوشاڭلىق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، ئاساس جەزمەن پۇختا بولۇش. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، نامراتلارنى يۆلەش «1- شۇجى»لىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدىغان جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.