تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىش

  — باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋسۇڭ، خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې

  ھەيۋەتلىك جىڭگاڭشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان گەنجياڭ دەرياسى تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان ئاشۇ تارىخنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ — بۇ جاي پارتىيەمىز ئەڭ دەسلەپ ئىنقىلابىي تايانچ بازا ئاچقان جاي، بۇ جاي ئون مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەر باشلانغان جاي.

  جياڭشىغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى يۈكلەنگەن، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى باغلانغان، يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى قەد كۆتۈرگۈزۈشتەك ئېغىر ۋەزىپە يۈكلەنگەن.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشىغا كېلىپ، گەنجوۋدىن نەنچاڭغىچە بېرىپ، كارخانىلار، يېزىلار، ئىنقىلابىي خاتىرە سارايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بويىچە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پات ئارىدا پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلىدىغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   «سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئويلىشىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك»

  جياڭشى گەنجوۋدىكى يۈدۇ دەرياسى بويىدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، خۇددى يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇرغان كېمىنىڭ ئېگىز چىقىرىلغان يەلكىنىگە ئوخشايتتى.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، تارىخنىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق سالدى، قىزىل ئەسلىمىلەرنى ئىزدىدى.

  خاتىرە مۇنارى ئالدىدىكى مەيدانغا ياتقۇزۇلغان مەرمەر تاشقا جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يول خەرىتىسى ئويۇلغانىدى. باش شۇجى ئېڭىشىپ تەپسىلىي كۆرۈپ: «گەنشيەن بۇ يەردە» «ئاۋۇ شياڭجياڭ دەرياسى» «ماۋۇ تەرەپ بىلەن فۇجيەنگە بارغىلى بولىدۇ»... دېدى.

  كۆرسەتمە خەرىتىدە قىزىل، كۆك ئىسترېلكىلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، قورشاپ يوقىتىشقا قارشى قانلىق جەڭلەر ۋە ئون مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەردىكى قىيىن ئۆتكەل، ئۇزۇن يوللارنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

  1934- يىلى 10- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان 86 مىڭ كىشى يۈدۇغا توپلىنىپ، ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، 1936- يىلى 10- ئايدا گەنسۇدىكى خۇينىڭدا ئۈچ چوڭ ئاساسىي كۈچنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتمە خەرىتىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ قېتىم تەزىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىغا يېزىلغان «ئۇزۇن سەپەر روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ» دېگەن كۆركەم چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  خاتىرە مۇنارىنىڭ كەينىدە، يۈدۇ دەرياسى جىمجىت ئېقىپ، قاينام - تاشقىنلىق ئاشۇ يىللارغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ رېشاتكىغا تايىنىپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئۇزاققىچە سۈكۈتتە تۇردى.

  «ئۆكتەبىردە كۈز شامىلى سوغۇق، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە قىلدى يىراققا سەپەر. يۇلتۇزلۇق كېچىدە يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، قەدىمىي ساھىل شىنتيەندە قۇچتى زەپەر.»

  يولداش لۇ دىڭيى يازغان بۇ «ئۇزۇن سەپەر ناخشىسى» خاتىرە مۇنارىنىڭ رېشاتكىسىغا ئويۇلغان بولۇپ، ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە كېچىلەپ يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلۇغ ئىشنى باشلىغان تەسىرلىك مەنزىرە تەسۋىرلەنگەنىدى.

  شۇ كېچە، ئاي غۇۋا يورۇپ، مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى.

  مۇشۇ كەتكەنچە، قانچىلىغان ئەزىمەت جەڭگاھتا ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزدى.

  خاتىرە مۇنارىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايغا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيى جايلاشقانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىغا كىرىپ، ھەربىر تارىخىي سۈرەت، ھەربىر ھۆججەت ۋە ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر قۇم مودېل ئارقىلىق مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تىللاردا داستان بولغان ئاشۇ قەھرىمانلىق تارىخىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يۆتكەلگەندىن كېيىن پارتىزانلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان شەخسلەرنىڭ سۈرىتى ئالدىدا، قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى شيې جىجيەن ساقلىغان ئاشۇ بىر جۈپ چىغ چورۇق ئالدىدا... باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇزاققىچە تىكىلىپ تۇرۇپ، يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پات - پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ تارىخنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلىدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خۇتوۋ دەرياسى بويىدىن باۋتاشەن تېغىغىچە، زۈنيى قەدىمىي شەھىرىدىن يىمېڭ كونا ئىنقىلابىي رايونىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قىزىل ئىزى» ھەرقايسى كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى قاپلىدى.

  تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي تارىخى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەڭگۈ قۇرۇمايدىغان مەنىۋى بۇلىقى.

  «ھەر قېتىم جىڭگاڭشەن، يەنئەن، شىبەيپو قاتارلىق ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارغا بېرىشنىڭ ئۆزى بىر خىل روھىي جەھەتتىكى، ئىدىيە جەھەتتىكى تاۋلىنىش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئۇلۇغ تارىخنى كۆپرەك ئەسكە ئېلىپ تۇرساق، قەلبىمىزدە نۇرغۇن ئاكتىپ كۈچ كۆپىيىدۇ».

  مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنىڭ 1- قەۋىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈدۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  جاڭ فۇشىننىڭ دادىسى ۋە دادىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولۇپ سەككىز كىشى قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ھەممىسى قۇربان بولغان؛ دۇەن گۈيشيۇنىڭ ئېرى ۋاڭ جىنچاڭ 1932- يىلى قىزىل ئارمىيەگە قاتنىشىپ، 1934- يىلى قۇربان بولغان؛ لى سەنمېي قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى لى جىنلۇنىڭ قورساقتا قالغان بالىسى...

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى، تۇرمۇشىدا يەنە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى سورىدى.

  بىر قانچە ياشانغان كىشىگە قاراپ، باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار قۇربان بولدى، بىز ئۇلارنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنى ئەستە ساقلىشىمىز ئەڭ مۇھىمى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىنقىلابنىڭ بۇ بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالغا قاراپ مېڭىش ئۈچۈن، كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزمۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك».

  ئۇ كۆپچىلىككە ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «ھازىر دۆلەت تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، چوقۇم سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئويلىشىمىز، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى كېرەك».

  خەتەر ئىچىدىن ھايات يولىنى تېپىشتا نېمىنى ئاساس قىلدۇق؟

  ئىنقىلابتا غەلىبە قىلىشتا نېمىگە تاياندۇق؟

  داۋاملىق ئىلگىرىلەشتە نېمىگە موھتاج بولىمىز؟

  خاتىرە سارىيىدىن چىققاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىللىرى ئىنقىلاب ئىنتايىن جاپالىق بولغان، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىدى، لېكىن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە غايە - ئېتىقاد ئوتى تۇتاشسىلا، مەڭگۈ ئۆچۈپ قالمايدۇ، چوقۇم ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدۇ، ئەينى چاغدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان تەقدىردىمۇ، كەلگۈسىدە مۇقەررەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ! بۇ غايە - ئېتىقاد بىزدە چوقۇم بولۇشى، بۇ ئوتنى تېخىمۇ كۈچلۈك يېلىنجىتىشىمىز كېرەك».

  خاتىرە سارىيى سىرتىدىكى مەيدانغا شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئامما توپلاشقانىدى، كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا تەنتەنە قىلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇزۇن سەپەر باشلانغان بۇ جايغا كېلىشىمىز قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەينى يىللاردىكى سەپەرگە ئاتلىنىش ئەھۋالىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن. ھازىر بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشقا يۈرۈش قىلىۋاتىمىز، بىز ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قايتا قوراللىنىپ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىشىمىز كېرەك!»

  جاراڭلىق سۆزلەرگە نەق مەيداندىكىلەر تېخىمۇ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى ۋە تەنتەنە قىلدى.

  تەكشۈرۈش سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «بۇ جاي مەركىزىي سوۋېت رايونى، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي. مەن بۇ قېتىم جەنۇبىي جياڭشىغا كەلگەندە، ئۇدۇل يۈدۇغا كەلدىم. مېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىممۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھەممىسىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقى، ئىنقىلابىي مەقسىتىمىز، ئىنقىلابىي غايىمىزنى ئۇنتۇماسلىقى، ئىنقىلابىي ئەجدادلىرىمىزنى، ئىنقىلابىي قۇربانلىرىمىزنى ئۇنتۇماسلىقى، سوۋېت رايونىمىزدىكى يۇرتداشلارنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن».

  تېخى يېقىندىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بۇ يىل 6- ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانىدى.

  5- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىزىل ئىنقىلاب ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ يىل ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇنى باش تېما تەربىيەسنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلارنى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى قەد كۆتۈرگۈزۈش ئۇلۇغۋار ئىشىغا تېخىمۇ زور قىزغىنلىق بىلەن ئاتلىنىدىغان قىلىشى كېرەك.

   «پەقەت كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا»

  مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارىنىڭ يېنىدىكى يۈدۇ دەرياسىدا بىرنەچچە قولۋاقتىن لەيلىمە كۆۋرۈك ياسالغان بولۇپ، بۇ جاي دەل ئەينى يىلى مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يولغا چىققان كېچىك ئىدى.

  ئەينى يىلى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يولغا چىققاندا، يۈدۇ دەرياسى 600 نەچچە مېتىر كەڭلىكتە بولۇپ، سۈيى چوڭقۇر، دولقۇنلىرى ئۆركەشلەپ تۇراتتى. يۈدۇ خەلقى لەيلىمە كۆۋرۈك سېلىش ئۈچۈن ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىك قانىتى، كارىۋات تاختىيىنى چۇۋۇغانىدى، بىر بوۋاي يەنە ئۆزىنىڭ گۇەنسىيىنىمۇ كۆۋرۈك سېلىش نەق مەيدانىغا ئاپىرىپ بەرگەنىدى. بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، يولداش جوۋ ئېنلەي ھاياجانلانغان ھالدا: «يۈدۇ خەلقى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، سوۋېت رايونىدىكى خەلق بىزگە ھەقىقەتەن يېقىن ئىكەن!» دېگەنىدى.

  بۇ بىر خىل قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان چوڭقۇر مۇھەببەت.

  سوۋېت رايونىدىكى ئامما خالىس تۆھپە قوشۇپ ئىنقىلابقا ياردەم بەردى، قىزىل ئارمىيەنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ئېتىقادنى چىڭىتىپ قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى، جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىدىكى ئارمىيە ۋە خەلق ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان قىزىل ئېتىقادنى تاۋلاپ چىقتى.

  بۇ خىل چوڭقۇر مۇھەببەت جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنىغا ئايلىنىپ، ھازىرغىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىپ كەلمەكتە.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا، سوۋېت رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش مەسىلىسىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىزدا، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى بولمىسا، بولۇپمۇ كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى بولمىسا، ئۇنداقتا مۇكەممەل بولمايدۇ».

  مەيلى قانچىلىك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشتىن قەتئىينەزەر، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىدىكى خەلقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ئۇلى ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئاساس ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

  بۇ بىر خىل سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئويلايدىغان چوڭقۇر مۇھەببەت.

  «كېلەن ناھىيەسىنىڭ جاۋجياۋا كەنتى كەنت بويىچە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلىيلەشتىمۇ - يوق؟» «جىنجەي ناھىيەسى قاچان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ؟»

  ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم گەپ قىستۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلاردىن ئۆزى تەكشۈرۈشتە بولغان نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش - ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

  ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ ئالاھىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى. بۇ يىل ۋە كېلەر يىل ئىككى يىلدا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنى بالدۇرراق بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك!

  يۈدۇ ناھىيەسىنىڭ زىشەن بازىرى تەنتۇ كەنتى جەنۇبىي جياڭشىدىكى 700 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر كىچىك كەنت.

  كەنت ئارىسىدىكى چىغىر يولغا دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى چاسا - چاسا كىچىك كۆلچەكلەرگە قۇيۇلاتتى، ئاپئاق ئاقارتىلغان تامغا سىزىلغان بەخت - سائادەت ۋە خۇشاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەلئارا رەڭلىك سىزمىلار كىشىگە تولىمۇ خۇشاللىق بېغىشلايتتى.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  سوۋېت رايونى مەزگىلىدە، جەنۇبىي جياڭشىدىكى 1 مىليونغا يېقىن ئوغۇل - قىز ئارمىيەگە قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان، ئۇلار شۇ چاغدىكى يەرلىك نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، پەقەت ئىسمى ۋە فامىلىسى مەلۇم ئىنقىلابىي قۇربانلارلا 100 مىڭ كىشى. كەنت ئاھالىسى سۈن گۇەنفانىڭ دادىسى مۇشۇ 100 مىڭ قەھرىماننىڭ بىرى.

  «قۇياش نۇرى كەڭ زېمىندىكى گۈزەل تاغ - دەريالارنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، باھار مەنزىرىسى ھەممە يەرنى قاپلاپ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ» دەپ يېزىلغان يىڭليەن ئالدىدا تۇرغان سۈن گۇەنفا باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوغلى، كېلىنى، ئوغۇل - قىز نەۋرىلىرىنى باشلاپ كېلىپ، خۇشال ھالدا باش شۇجىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.

  باش شۇجى دالان ئۆيدىن ئارقا ھويلىغا چىقىپ، ئاشخانا ئۆيدىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ئاشخانىدا گۈرۈچ - ياغ بارلىقىنى، تازىلىق ئۆيىنىڭمۇ ناھايىتى پاكىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئارقا - ئارقىدىن «ياخشى» دېدى.

  شى جىنپىڭ سۈن گۇەنفا ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇ جايدىكى بازار، كەنت كادىرلىرى بىلەن مېھمانخانا ئۆيدە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.

  باش شۇجى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ قېتىم جياڭشىغا سوۋېت رايونىدىكى يۇرتداشلارنى يوقلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغان - ياخشىلانمىغانلىقىنى، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىيالايدىغان - تاشلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرگىلى كەلدىم».

  سۈن گۇەنفا باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: ئالدىنقى يىللاردا خوتۇنۇم كېسەل بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدۇق. كەنتنىڭ ياردىمىدە بۈگۈنكى كۈندە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت، باش شۇجىغا رەھمەت، ھازىر سوۋېت رايونىدىكى پۇقرالار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ».

  سۈن گۇەنفانىڭ ئوغلى سۈن گوخۇا ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يىللاردا، خوتۇنۇم ئىككىمىز گۇاڭدۇڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئائىلىدىكىلەرگە قاراپ بولالمىغانىدۇق. ھازىر ياخشى بولدى، كەنتتە كىيىم تىكىش زاۋۇتى قۇرۇلدى، خوتۇنۇم ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ھەم پۇل تاپالايدىغان، ھەم چوڭلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇق».

  كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، بەس - بەستە باش شۇجىغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى: تەنتوۋ كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن جەمئىي 109 نامرات ئائىلە بار ئىدى، مۇشۇ يىللاردا ھەممىسى كۆكتاتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتناشتى، كەنتتە يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلدى، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا سۈن گۇەنفانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 95 ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ توختىماي بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  «بۇ بىر ئەۋلاد چوڭ بولغان ۋاقىت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان ۋاقتىمىز بولىدۇ.» دېدى باش شۇجى سۈن گۇەنفانىڭ بىر جۈپ ئوغۇل - قىز نەۋرىسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ، «پەقەت كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، ياخشى كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا!»

  سۈن گۇەنفانىڭ ئۆيىدىن چىققاندا، يۇرتداشلار كەنت ئېغىزىغا يىغىلغانىدى، ئۇلار باش شۇجى بىلەن بەس - بەستە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، بەزىلەر ھاياجانلانغىنىدىن كۆز يېشى قىلىشتى.

  «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» — كەنت ئېغىزىدىكى قىزىل بايراققا يېزىلغان بىر قانچە چوڭ خەتتە جەنۇبىي جياڭشىلىقلارنىڭ قەلب ساداسى ئىپادىلەنگەنىدى.

  جەنۇبىي جياڭشىلىقلار بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ سانسىزلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلار، قۇربانلارنىڭ قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشى ۋە كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.

  جەنۇبىي جياڭشىلىقلار پەقەت تۈنۈگۈنكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، بۈگۈنكى بۇرچ - مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىپ كېلەلىسىلا، ئاندىن ئەتىدىكى ئۇلۇغ ئارزۇغا يۈز كېلەلەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلىدۇ.

  تەنتوۋ كەنتىدىن ئايرىلىپ، ئاپتوموبىل جەنۇبىي جياڭشى زېمىنىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

  ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قاتار - قاتار سېلىنغان يېڭى ئۆيلەر، يىلان باغرى سوزۇلغان يوللار، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېتىزلار... ئىنتايىن جانلىق سىزىلغان گۈزەل رەسىملەردەك جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىدىكى شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

  جەنۇبىي جياڭشى قاتارلىق مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، چوڭ جەھەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن، كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھەلەرگىچە، كىچىك جەھەتتە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇسى، يۇرتداشلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغىچە... بۇ زېمىندا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىغا بولغان قويۇق غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى.

  «2008- يىلى مەن گەنجوۋغا بارغان. ئالدىنقى قېتىم جياڭشىغا كەلگەن ۋاقتىم 2016- يىلى. تۈنۈگۈن گەنجوۋدا كارخانا، يېزا - كەنتلەرنى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يولغا چىققان جاينى كۆردۈم. يول بويى بۇ يەردە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، كادىرلار، ئاممىنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش تەسىراتى ئۈستىدە توختالدى.

  ئۇ ئۇلاپلا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردا كونا ئىنقىلابىي رايونلار كۆپ، ئەسلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونى ۋە خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي، تەيخاڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پارتىيەمىز تارىخىدىكى مۇھىم ئىنقىلابىي تايانچ بازىلار... بىز كونا ئىنقىلابىي رايونلار، بولۇپمۇ مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايون خەلقىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويغۇزۇشىمىز كېرەك.

   «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق»

  تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلغاندا، ئاندىن يەنە شانلىق نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

  جياڭشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، توققۇز ئۆلكىگە تۇتاشقان. خۇاشيا مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ قەدىمىي زېمىندا، يېڭى دەۋرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش - چىقالماسلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايون بوشلۇقى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ئۈنۈمدارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  بولۇپمۇ يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن خۇنەن - خۇبېي، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ۋە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنى ۋە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئالغا سىلجىتتى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىنچىكە پىلانلىدى ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تۈرتكە بولدى.

  بۇ قېتىم، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور تېما باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىدىكى مەسئۇل يولداشلار دېيىشىۋالغاندەكلا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى توغرىسىدا توختالدى، يەنە كېلىپ بۇمۇ دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.

  گەنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان جياڭشى جىنلى تۇراقلىق ماگنىت پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى سىرەك توپا تۇراقلىق ماگنىتىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. 5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گەنجوۋغا كېلىپ، ئالدى بىلەن بۇ كارخانىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

  كارخانىنىڭ كۆرگەزمە زالى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: %60كە يېقىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر موتورى خورىتىۋېتىدۇ، ئەمما سىرەك توپا تۇراقلىق ماگنىت ئېلېكتىر موتورى ئەنئەنىۋى ئېلېكتىر موتورىغا قارىغاندا %25تىن كۆپرەك ئېنېرگىيەنى تېجەيدۇ. ئەگەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھاۋا تەڭشىگۈچكە سىرەك توپا تۇراقلىق ماگنىت ئېلېكتىر موتورى ئالماشتۇرۇلسا، بىر يىلدا بىر سەنشيا ئېلېكتىر ئىستانسىسى چىقىرىدىغان توك مىقدارىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

  سىرەك توپىنى قوللانغاندا ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، بىراق سىرەك توپىنى ئاچقاندا مۇھىت ناھايىتى ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. «ئەڭ ئاساسلىقى ئاسانلا سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: 20- ئەسىرنىڭ 70- ، 80- يىللىرىدا، زور مىقداردىكى يەر يۈزى توپىسىنى قېزىشقا توغرا كەلگەچكە، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تاغ كۆچۈش ھەرىكىتى شەكلىگە ئوخشاش، ئاسانلا سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھازىر قوللىنىۋاتقىنىمىز يېڭى بىر ئەۋلاد ئۆز ئورنىدا رۇدا سۈزۈش ھۈنەر - سەنئىتى، پۈتكۈل ئېچىش جەريانىدا تاغ گەۋدىسى قېزىلمايدۇ، تاغلىق يەرلەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنمايدۇ، شۇنداقلا قالدۇق قۇم چىقىرىشمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تەسىرى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ، بايلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتتى، شۇنداقلا كارخانىلارغا كونا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تاپىلىدى.

  ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىنىڭ بەشى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى زور، يېزىلارنىڭ كۆلىمى كەڭ، دېھقانلارنىڭ نوپۇسى كۆپ. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلە.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈدۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ، كۆكتاتچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  يۈدۇ ناھىيەسى ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆكتاتچىلىقنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى كەسپى قىلىپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى ئون نەچچە باشلامچى كارخانىنى كىرگۈزۈپ، 50 مودىن ئارتۇق كۆلەملىك كۆكتاتچىلىق بازىسىدىن 71نى، 1000 مولۇق كۆكتات بازىسىدىن ئوننى قۇرۇپ چىقتى.

  يامغۇردىن كېيىنكى جەنۇبىي جياڭشى زېمىنى يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. زىشەن فۇشى كۆكتاتچىلىق كەسىپ باغچە رايونى ئىچىدە، قاتار كەتكەن كۆكتات پارنىكى خۇددى قاتار كەتكەن زامانىۋىلاشقان سېخلارغا ئوخشايتتى، خىلمۇخىل يېڭى كۆكتاتلار تېرىلغان بولۇپ، نەرسە تورىدا نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق تېرىقچىلىق تېخنىكىسى كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ بېرەتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ لاپاسلىق پارنىكقا كىردى، جازىلاردا سېرىق چېچەكلەرگە يېشىل يوپۇرماقلار يانداشقانىدى، ئاغىچىيۇغۇچ مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

  كەسىپ باغچە رايونىنىڭ مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: كەسىپ باغچە رايونى «باشلامچى كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقانلار ئائىلىسى ۋە نامرات ئائىلە» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. بۇ لاپاسلىق پارنىكنىڭ كۆلىمى 24 مو بولۇپ، ھەر مو يەردىن يىلىغا 15 مىڭ جىڭ ئاغىچىيۇغۇچ ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، ھەر جىڭىنى ئالتە - يەتتە يۈەندىن ساتقىلى بولىدۇ.

  لاپاسلىق پارنىك ئىچىدە بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى ئىشلەۋاتاتتى، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇ ھامان ئولىشىپ كېلىپ بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

  بىر كەنت ئاھالىسى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا كۆكتاتچىلىق كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلغاچقا، پۇقرالارنىڭ ھەميېنى تومپايدى. ئۇ بارماقلىرىنى ساناپ تۇرۇپ ھېسابات قىلىشقا باشلىدى: «بىرىنچىدىن، بىز يەرنى ئىجارىگە بېرىپ ئوبوروت قىلىپ بىر مو يەردىن 600 يۈەن كىرىم قىلىمىز. ئىككىنچىدىن، مۇشۇ جايدا ئىشلىسەك، ھەر كۈنى ئايال ئىشچىلار 70 يۈەن، ئەر ئىشچىلار 100 يۈەن تاپالايدۇ، بىر ئايدا 20 كۈن ئەتراپىدا ئىشلىسەك، 2000- 1000يۈەن كىرىم قىلالايمىز. بىر يىلدا 30 - 20 مىڭ يۈەن بولىدۇ!»

  «سىلەر بۇ جايدا ئىشلەيدىكەنسىلەر، ئۆيۈڭلار يىراقمۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

  «يىراق ئەمەس، مۇشۇ ئەتراپتىلا. ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتۇق، يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۇنچە ياخشى بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، بۇ ئىككى يىلدا سىرتقا چىقمىدۇق. قاراڭ، ھەم پۇل تاپالايمىز، ھەم تېخنىكا ئۆگىنەلەيمىز، يەنە ئائىلىمىزدىكىلەردىن خەۋەر ئالالايمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشىكىمىز ئالدىدا ئىشلەۋاتىمىز، زاۋۇت قۇرغاندىن پارنىك سالغان ياخشى، دېيىشىدۇ» كەنت ئاھالىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.

  يۇرتداشلار بەس - بەستە مۇنداق دېيىشتى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى!»

  شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كومپارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئويلايدىغىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىر ئارقىلىق پۇقرالارنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. ئەھۋالىڭلار بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!»

  قانداق قىلىپ ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردا شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، تەڭ راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش باش شۇجى ئويلىنىۋاتقان مۇھىم مەسىلە ئىدى.

  تەنتوۋ كەنتىدىكى سۈن گۇەنفانىڭ ئۆيىدە، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىغا مۇشۇ يىللاردا كەنتتە يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ بەردى: ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، سىرتتا قاتتىق يامغۇر ياغسا، ئۆيدە سىم - سىم يامغۇر ياغاتتى، ھاجەتخانىلارنىڭ سېسىق پۇرىقى ئەتراپنى بىر ئالاتتى، ھازىر داچىلارغا كۆچۈپ كىردۇق، ھەممە ئائىلىدە ھاجەتخانا بار، تۇرۇبا سۈيى راۋانلاشتى، كەنتتە قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، «شەھەرلىكلەرمۇ بىزگە ھەۋەس قىلىدۇ تېخى».

  «شۇنداق، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆزئارا تۈرتكە بولىدۇ، تەڭ راۋاجلىنىدۇ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «بىز يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرسەك، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى ياخشى قۇرساق، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزسەك، يۇرتداشلارنى كىشىلەر ھەۋەس قىلغۇدەك سەھرا تۇرمۇشىغا ئېرىشتۈرەلەيمىز.»

  نەق مەيداننى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، جياڭشىدىن ئوتتۇرا قىسىم رايونغىچە، ئوتتۇرا قىسىم رايوندىن پۈتۈن مەملىكەتكىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىن دۇنياغىچە سۆزلەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ شاھمات ۋەزىيىتىگە يەنە ئۇرۇق تىزدى:

  − ئەۋزەللىك توغرىسىدا توختالدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: نوپۇس كۆلىمى ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى.

  − خىرىس توغرىسىدا توختالدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپ ئىنقىلابى، يەرشارىۋى ياسىمىچىلىق رىقابەت ئەندىزىسىدىكى تەڭشىلىشى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە دۇچ كېلىدىغان ئۈچ چوڭ خىرىس.

  − يۆنىلىش بېكىتتى، ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈپ يەنە يېڭى بالداققا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلىشىشى ۋە يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق سەككىز جەھەتتىن، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا كونكرېت يېتەكچى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت كەلدى.

  «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.» يىغىنغا قاتناشقان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر. بىز ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قايتا قوراللىنىپ قايتا يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىشىمىز كېرەك.»

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.