تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جياڭشىدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئىشتاتلىق تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونىدىكى تۇەنجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار ۋە شىجياجۇاڭ مەكتەپ رايونىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلار ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

   يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، قىسىمغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، سىياسىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

   ھەربىي مەكتەپلەر ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، جەزمەن ئەمەلىي جەڭنى چۆرىدەپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى، غەلىبە قىلىشنى كۆزلەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە دىققەتنى جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، لى چىڭخۇا) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 21- كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، قىسىمغا يۈزلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، سىياسىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  5- ئايدىكى جياڭشى تۇپرىقىدا تاغلار يېشىللىققا پۈركەلگەن، سۇلار زۇمرەتتەك سۈزۈك بولۇپ، قەھرىمان شەھەر نەنچاڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىگە كەلدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ جياڭشىدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئىشتاتلىق تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلەر شۆيۈەنىنىڭ ئاساسىي مەكتەپ رايونىدىكى تۇەنجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار ۋە شىجياجۇاڭ مەكتەپ رايونىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلار ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شۆيۈەننىڭ مەشىق مەيدانىدا كۇرسانتلار جانلىق - تېتىك بولۇپ، توۋلىغان ئاۋازى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سېلىپ، ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشىق مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. شى جىنپىڭ توسالغۇلۇق مەشىق مەيدانىنىڭ يېنىغا بېرىپ، كۇرسانتلارنىڭ توسالغۇلۇق مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاخىرقى چەك مەشىقى كۇرسانتلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى ئاخىرقى چېكى، ئىرادە ئاخىرقى چېكى، پىسخىكا ئاخىرقى چېكىنى تاۋلاپ، جەڭ مەيدانىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ ئاخىرقى چەك مەشىق مەيدانىغا پىيادە كىرىپ، ئالاقىدار مەشىق ئەسلىھەلىرى ۋە مەشىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۇرسانتلار توسۇق تامدىن سۇغا سەكرەش، لەنرېن شوتىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، قەدەممۇقەدەم ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈش، ئېگىز تامدىن ھالقىپ ئۆتۈش، ئۇزۇن شوتىغا يامىشىپ چىقىش، بوشلۇقتىكى لەيلىمە ياغاچ كۆۋرۈككە يامىشىپ ئارتىلىپ ئۆتۈش، ئەن ياغاچنى يۈدۈش قاتارلىق مەشىقلەرنى قىلدى. كۇرسانتلارنىڭ تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، پۈتۈن بەدىنى لاي، سۇ بولۇپ كەتسىمۇ توسالغۇلار ئالدىدا توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى.

  مەشىق مەيدانىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ شۆيۈەننىڭ قىزىل بايلىق تەتقىقات مەركىزىگە كەلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، شۆيۈەن قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېننىڭ روھ يېتىلدۈرۈشى، ئادەم تەربىيەلىشى جەھەتتە پائال ئىزدەندى. شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، شۆيۈەننىڭ ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم، ئەۋلادمۇئەۋلاد لاياقەتلىك قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شۆيۈەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قانداق مەكتەپ باشقۇرۇش، قانداق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەكتەپ باشقۇرۇش، ئادەم تەربىيەلەشتە ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەكتەپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئورۇن، جەزمەن قەتئىي توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گۇتيەن پۈتۈن ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنى، ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەلىپىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەربىي مەكتەپلەر ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن، ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، جەزمەن ئەمەلىي جەڭنى چۆرىدەپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى، غەلىبە قىلىشنى كۆزلەپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە دىققەتنى جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئۇرۇش قىلىشتا نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى ئۆگىتىش، قىسىم نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى مەشىق قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تەمىنات تەرىپىنى كەلگۈسى جەڭ مەيدانىنىڭ ئېھتىياج تەرىپى بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشى كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە يىراق كەلگۈسىنى پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي نىشان خەرىتىسى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۇتۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈزىتىش بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە دادىل ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە ئايلىنىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ۋەزىيەت، ۋەزىپە ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش بويىچە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى قاتتىق تۇتۇپ، پەن ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى يېڭىلاپ، پەن، كەسىپ قۇرۇلۇشىدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈجۈپىلىك بولۇش، ئەلالىرىنى توپلاش، ئوچۇق مەكتەپ باشقۇرۇش، بىرلىشىپ ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شۆيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قاراتمىلىق ھالدا يانداش كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەلىم - تەربىيە، مەشىقنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شۆيۈەن پارتكومى بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شۆيۈەن قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. قاتتىق بولۇشنى باشلامچى قىلىش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ئىستىلى، ئوقۇتۇش ئىستىلى، تەتقىقات ئىستىلى، ئىمتىھان ئىستىلىنى چىڭىتىپ، «تۆت خاھىش» بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى چوڭقۇر تۈزەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.