تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭ دېڭخۇا سۆز قىلدى، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى، لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇڭ دېڭخۇا سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، سىياسىيۋىلىققا، ئىستراتېگىيەلىكلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىرىنچى، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيونلار مائارىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، «توغراق روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرىدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدار، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا جەلپ قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، قوش تىل مائارىپىنى كۈچەپ ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى يولغا قويۇپ، قوش تىل مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپتا ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، زىيالىيلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىپ، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، زىيالىيلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، كۆيۈنۈپ، زىيالىيلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، زىيالىيلارنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا دادىل يول قويۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىش، بىر پۈتۈن ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەر مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات، ئورتاق ئادەم تەربىيەلەيدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭ دېڭخۇا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈردى، خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلامچى قەدەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە تۈپ خاراكتېرلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپتا ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مائارىپنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تۈپ كاپالەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى قولدا چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە سىياسەت - تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ داشۆ، تارىم داشۆ، ئۈرۈمچى، ئاقسۇدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.