تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىققان 10- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش تۇتۇلسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان «مۇھىم تۇتقا»نى تۇتقىلى بولىدۇ. يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. بىز جەزمەن تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈش، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ يېتەكلەش تىپىدىكى تەرەققىياتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، باشقىلاردا بار بولسا مەندىمۇ بار، باشقىلاردا بار بولسا مەندە كۈچلۈكى بار، باشقىلاردا كۈچلۈكى بولسا مەندە ئەلاسى بار، دېگەننى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىيلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. ماسلىشىش ھەم تەرەققىيات ۋاسىتىسى، ھەم تەرەققىيات نىشانى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تەرەققىياتقا باھا بېرىدىغان ئۆلچەم ۋە مىزان، شۇنداقلا تەرەققىياتتىكى ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى بىلەن مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭلۇق بىلەن تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بىرلىكى، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈك بىلەن يوشۇرۇن كۈچنىڭ بىرلىكى. بىز دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىپ، قىسمەنلىك بىلەن ئومۇملۇقنىڭ، ھازىرقى بىلەن كەلگۈسىنىڭ، مۇھىم نۇقتا بىلەن مۇھىم بولمىغان نۇقتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشىمىز، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نەرسە يوق، پايدىلانغاندا ھېس قىلالمايمىز، يوقىتىپ قويغاندا ياشىشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ. ئومۇمىي ۋەزىيەت قارىشى، يىراق كەلگۈسى قارىشى، بىر پۈتۈنلۈك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ بېيىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشى، جۇڭگونىڭ گۈزەللىشىشىنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى تۈزۈلمىسىنى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەزمەن ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى بەرپا قىلغان ئىلغار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە پايدىلىق باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئابستراكت، سىرلىق ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ پەقەت ئېغىزدىلا توختاپ قالسا، ئىدىيە ھالقىسىدىلا تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، بىز ھازىر بار بولغان شارائىتقا ئاساسەن قىلالايدىغان ئىشلارنى ئامالنىڭ بارىچە قىلىپ، كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتكۈل خەلق ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.