تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ 3- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

  تەبرىك خېتى

  دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، مەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارادىكى داڭلىق كارخانىچىلار، كەسىپ ساھەسىدىكى باشلامچى زاتلار ۋە تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

  نۆۋەتتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. كۆچمە ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، سېزىم تورى، مېڭە ئىلمى قاتارلىق يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوزغىتىشىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭقۇر ئۆگىنىش، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش، ئادەم بىلەن ماشىنا ماسلىشىش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئېچىۋېتىش، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلماقتا. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پەن - تېخنىكىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا، كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئۇچقاندەك ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قوزغاتقۇچى كۈچ قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت دۇنيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكا ساھەسى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇش. كۆپچىلىكنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى دەۋر: ئىلگىرىلەش، ئىستراتېگىيە ۋە پۇرسەت» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىننىڭ تولۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2019- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 5- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 5- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى 3- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى تيەنجىندە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارادىكى داڭلىق كارخانىچىلار، كەسىپ ساھەسىدىكى باشلامچى زاتلار ۋە تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىق ھەرساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. كۆچمە ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، سېزىم تورى، مېڭە ئىلمى قاتارلىق يېڭى نەزەرىيە، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوزغىتىشىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭقۇر ئۆگىنىش، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلۇش، ئادەم بىلەن ماشىنا ماسلىشىش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئېچىۋېتىش، ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى نامايان قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلماقتا. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پەن - تېخنىكىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا، كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئۇچقاندەك ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قوزغاتقۇچى كۈچ قىلىپ، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت دۇنيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكا ساھەسى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇش. كۆپچىلىكنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى دەۋر: ئىلگىرىلەش، ئىستراتېگىيە ۋە پۇرسەت» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇڭجۇڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى بىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. تيەنجىن تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىدىيە، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئارزۇ بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى تۇرمۇش يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «تيەنجىن ئاقىل پورتى» قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

  3- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 40 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن داڭلىق كارخانىچىلار، كەسىپ ساھەسىدىكى باشلامچى زاتلار سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.