تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنى، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر -ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنى، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم بولۇش، ئىدىيەدە - سىياسىيدا تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ياخشى يولغا قويۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇلارنى تۈگىتىش، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 4- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر جەھەتتە ئۆتكەلگە دەل جايىدا ھۇجۇم قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، بارلىق ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنى قۇرۇپ، قەتئىي تۈردە سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەننىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەننىڭ سۆزىدىكى تەلەپلەر بويىچە، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ، مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۇن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، جى جېڭ، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.