تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى»نى قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى»نى قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، تۈپ ۋەزىپە − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش. ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىش، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىغا يېتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

   چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشتە ناھايىتى زور رولغا ئىگە بولۇپ، «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ۋە «يۇقىرى سۈپەتلىك» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى زىچ ئىگىلەپ، پۈتۈن چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە شەرقىي جۇڭگو رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلار توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5- ئاينىڭ 13- كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 6- ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىندا «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، خەلقنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئالغا سىلجىتىشقا، ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە جەھەتتە پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ ساپلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى نۇقتىئىنەزەر ۋە ئاممىۋى لۇشيەننى ئىدىيەدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەرىكەتتە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك؛ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىي كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، تۈپ ۋەزىپە − شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىش، ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىشتا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىغا يېتىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن جەريانغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لاردىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبىرىي كادىرلار ئاۋۋال ئۆز تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ ئۈلگە بولۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇلارنى تۈگىتىش، شۇ رايون، شۇ تارماق، شۇ ئورۇننىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى ياقلىمىلىق»تىن ساقلىنىش كېرەك. ياخشى ئىستىل ئارقىلىق باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، مەسىلە ھەل قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى، ئاممىنىڭ باھاسى، ئىنكاسى قاتارلىق جەھەتلەردىن، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش كېرەك. تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق ياخشى قوللىنىش، ياخشى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ جانلىق، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشتە ناھايىتى زور رولغا ئىگە بولۇپ، «بىر گەۋدىلەشكەن» ۋە «يۇقىرى سۈپەتلىك» بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى زىچ ئىگىلەپ، پۈتۈن چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە شەرقىي جۇڭگو رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان رايونلار توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا ۋە ئاچقۇچنى تۇتۇش كېرەك. «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئېڭى ۋە «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇپ، كەسىپلەر زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، «يىرىك پىلان تېزىسى»دا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمتۈرتكە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.