تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

يوۋ چۈەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

5- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)  

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  يوۋ چۈەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بىڭتۇەن ئورگانلىرى، تۇەن - چاڭلىرى ۋە ليەندۈيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئالىي - ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ، كارخانا، يېزا ۋە مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى يوقلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، توغرا ئىگىلەپ، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىشىنى تەكىتلىدى.

  يوۋ چۈەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە تۈپكە، ئاساسقا، ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كۈچەپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئېچىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تارىم داشۆسىنى تەكشۈرگەندە، يوۋ چۈەن كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە بىڭتۇەن قۇرۇلۇشىغا كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شى جۈن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، پېڭ جيارۈي ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.