رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغاندا، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 6- كۈنى رۇسىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغاندا ئوت كېتىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولغاندا ئوت كېتىپ، ئېغىر، زور تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلاردىن ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلاردىن ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.