تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نەزەربايېۋ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار بەي جيې، ما يەن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى خەلق سارىيىنىڭ مەركىزىي زالىدا قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ ئۈچۈن «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كاتتا مەركىزىي زال تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق، قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى. قىزىل تەگلىك چوڭ تاختايغا جۇڭگو، قازاقىستان يېزىقلىرىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ <دوستلۇق ئوردېنى> بېرىش مۇراسىمى» دېگەن خەت يېزىلغانىدى، ئالتۇن رەڭلىك «دوستلۇق ئوردېنى» نۇسخىسى چىراغ نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى.

  مۇراسىم باشلىنىشى بىلەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھۆرمەت قەدەم بىلەن ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقىپ، ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ رەتلىك تىزىلدى.

  تەنتەنىلىك مۇراسىم مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ قىزىل پاياندازدا تەڭ مېڭىپ مەركىزىي زالغا كىرىپ كەلدى، پۈتۈن مەيداندىكى ئەزىز مېھمانلار ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، نەزەر سالىمى بەردى.

  شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىقتى.

  ھەربىي ئوركېستىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

  دۆلەت شېئىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى دېدى: بۈگۈن، بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ياخشى دوستى قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان ئالىي شەرەپ ئوردېنى «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردۇق. تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ خەلقئارا ئىناۋەتكە ئىگە سىياسىيون، شۇنداقلا جۇڭگو - قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بەرپاچىسى ۋە تۈرتكە بولغۇچىسى. ئۇنىڭ ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكلىشى، تۈرتكىسىدە، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك يۈرۈشۈشنى ساقلاپ، مول مېۋە بەردى. تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون، ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2013- يىلى، مەن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ ۋە قازاقىستان جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتىم. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويدى. جۇڭگو - قازاقىستان ھەمكارلىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مول ئاكتىپ كۈچ قوشتى. جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ شانلىق، پارلاق كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئارقىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جيېچى «دۆلەت رەئىسىنىڭ ئوردېن بېرىش پەرمانى»نى ئوقۇدى، نەق مەيداندا يەنە بىر قېتىم قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن قوپۇپ سۈكۈتتە تۇردى، دۆلەت بايراقچىسى «دوستلۇق ئوردېنى»نى مۇھاپىزەت قىلىپ مەيدانغا كىردى.

  مۇراسىم كانىيى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا نەزەربايېۋغا ئوردېننى ئېسىپ قويدى. ئۇلار سەمىمىي قول ئېلىشتى، قىزغىن قۇچاقلاشتى. مەيداندا ئۇزاققىچە ئۈزۈلمەي ئالقىش ياڭرىدى.

  ھەربىي ئوركېستىر قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

  نەزەربايېۋ مىننەتدارلىق سۆزى قىلدى. نەزەربايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈن ماڭا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ، مەن ئۈچۈن چەكسىز شەرەپ. بۇ ئوردېن جۇڭگو تەرەپنىڭ مېنىڭ قازاقىستان - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىشقا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمنى يۈكسەك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئورناتقان دوستلۇق مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ھەل قىلىنمىغان مەسىلە يوق. مەن جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مەڭگۈ قەلبىمدە ساقلايمەن. مەن جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى دۇنياغا مۇھىم، زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلاردىن يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى ۋاڭ چېن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، باتېر، خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار. پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقان، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوست زاتلار، جۇڭگو - قازاقىستان ياش - ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 400دىن ئارتۇق كىشى ئوردېن بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.