تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم ماقالىسىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم ماقالىسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتنىشىدىغان يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئەستايىدىل ئۆگەندى.

  يىغىندا، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆگىنىش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يازمىچە سۆز قىلدى.

  چېن چۈەنگو سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم ماقالىسى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىزنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىمىز ۋە تۈپ مىزانىمىز. ئۆگىنىش ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم ماقالىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم ماقالىسىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى ئويلاش، ئىش بېجىرىش، تەدبىر تۈزۈش، خىزمەت ئىشلەشنىڭ ھەممىسىدە ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، شىنجاڭ تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ ۋە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مىللەت، دىن قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئەخلاق - پەزىلىتىگە قاراپ، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. قەتئىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ھەر مىللەت ياخشى كادىرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش، ۋاقتىدا بايقاش، مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قارلىق، مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «بىر قوللۇق تەستىقلاش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قەتئىي تۈردە ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بەشىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئالتىنچى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بېسىمىنى سىجىل يەتكۈزۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  يەتتىنچى، يۇغۇرما تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىدىكى ئاممىۋى پىكىرنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئېدىئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنى ئاممىۋى پىكىر مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.