تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايون نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلار يەتكۈزۈلدى؛ «مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش لايىھەسى» «مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوندىكى ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نامرات ناھىيە(نامرات ئەمەس ناھىيە)لەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەكلىپ»كە قاراپ چىقتى. يىغىندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قانات يايدۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش تىزىملىكى ھەم مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش لايىھەسىنى بېجىرىش تاپشۇرۇلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچىكى ئاخىرىغا بارغانسېرى قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش شۇنچە قىيىنلىشىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ شۇنچە زورىيىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئىبارەت قىيىن ئۆتكەل ئىچىدىكى بۇ قىيىن ئۆتكەلگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى، سىياسەت جەھەتتە قوللاشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى، جەمئىيەت ياردەم بېرىپ يۆلەشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاجىز ھالقىلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي پوزىتسىيە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، قەيسەر چىدامچانلىق، كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ نەقلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى يېرىم قىسىم» ئىشلىرىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. نىشان ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىك كېرەك. نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، مۇكەممەل بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، سېلىنما سىستېمىسى، سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، نازارەت قىلىش سىستېمىسى، تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ھەقىقىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.