تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يۆنىلىشنى مۇقىم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

يۆنىلىشنى مۇقىم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

   ھازىر نۇرغۇن مۇھىم، زور ئىسلاھات ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئىسلاھات ۋەزىپىسى قانچە ئېغىرلاشقانسېرى، يۆنىلىشنى شۇنچە مۇقىم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر نۇرغۇن مۇھىم، زور ئىسلاھات ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئىسلاھات ۋەزىپىسى قانچە ئېغىرلاشقانسېرى، يۆنىلىشنى شۇنچە مۇقىم ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، «يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «سۈنئىي ئاقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسىنى بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «نېفىت تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى تىجارەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، كەڭ قوغداشنى ياخشى تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى ئويلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەڭ ئېچىۋېتىشنى ياخشى تۇتۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى يول ۋە رايون خاراكتېرلىك تۈگۈننى تېزدىن قۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غەربىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى تەرەققىياتنى ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ئالاقىدار تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، نەتىجە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئىخچاملاپ ۋە قىسقارتىپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپتە قوللىنىشنى نىشان قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوللىنىش، ئايلاندۇرۇش يولى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سانلىق مەلۇماتلىق قوزغىتىلىدىغان، ئادەم - ماشىنا ماسلىشىدىغان، ساھە ھالقىپ يۇغۇرۇلىدىغان، ئورتاق يارىتىپ بەھرىلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد ھالىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلەندۈرىدىغان زامانىۋى يېزا - كەنت جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنى تەرتىپكە سېلىپ، يېزا پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسىنى بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جەزمەن كىرگۈزۈش، بىرتۇتاش قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارا، ئېنىق بولۇش، مۇلازىمەت يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇپا سودىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرگە ئايرىلغان، بىرلىككە كەلگەن سودا تۈزۈمى قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمى، سانلىق مەلۇمات قېلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى بايلىق قۇياش نۇرى سودىسىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى بايلىقنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئادىللىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى تىجارەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇشتا بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كاپىتال پېيى كونترول قىلىنىدىغان، مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرى كۆپ مەنبەلەشكەن نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، يۇقىرى ئېقىندا نېفىت، گاز بايلىقى كۆپ سۇبيېكتلىق، كۆپ يوللۇق تەمىنلىنىدىغان، ئوتتۇرىدا بىرلىككە كەلگەن تۇرۇبا تورى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەركەزلىك يەتكۈزۈلىدىغان، تۆۋەن ئېقىندا سېتىش بازىرى تولۇق رىقابەتلىشىدىغان نېفىت، گاز بازار سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نېفىت، گاز بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نېفىت، گاز بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قانۇن مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇل - چارىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي، تەكشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقتىكى زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك نامۇۋاپىق توسۇق ۋە چەكلىمىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىشنىڭ داۋامى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشنى يولغا قويۇپ، ئوت مۇداپىئە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر قىسىم ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم، زور ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتى، پەن - تېخنىكا، قانۇنچىللىق، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئامما خاتىرجەم بولالمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ئىسلاھات - تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس بىرقەدەر كۆپ، ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئىگىلەپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھات جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىياسەت ۋە تۈزۈم لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، قىيىنچىلىقنى تېخىمۇ تولۇق مۆلچەرلەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلاش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئەمەلىي، مەسئۇلىيەتمۇ ئەمەلىي، جەزمەن دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئىشلەشنى ئويلىشى، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىشى، تىرىشىپ ئىشلىشى، ماھىرلىق بىلەن ئىشلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ نازارەت قىلىش، تەكرار تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  مەركەز ئسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.