جاۋاب خەت
مەكتەپ مۇدىرى رىئالې، ساۋاقداشلار:
خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى راۋان جۇڭگو تىلىدا ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
مەكتىپىڭلار جۇڭگو تىلى خەلقئارا تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان بىر تۈركۈم ياشلارنى يېتىشتۈردى. ساۋاقداشلار خېتىڭلاردا كۇڭزى دەرسخانىسى تۈرى ئارقىلىق جۇڭگونى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى كەڭ ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى كۆرگەنلىكىڭلارنى تونۇشتۇرۇپسىلەر. بۇ، سىلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلاتىڭلار. سىلەر جۇڭگو - ئىتالىيە ياشلىرىنىڭ ئىدىيە سۆھبىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭگو - ئىتالىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىرادە باغلاپسىلەر، بۇنى ئىنتايىن ئالقىشلايمەن. سىلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركو پولو بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ياشلىق ھەر قاچان ئارزۇ بىلەن ھەمدەمدۇر. سىلەر پات ئارىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ، داشۆگە قەدەم قويىسىلەر. سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلارنىڭ مۇشۇ ياخشى پەيتىدە، ياشلىق باھارىڭلارغا يۈز كېلەلىشىڭلارنى، ھەممىڭلارنىڭ ئارزۇيۇڭلارغا يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، جۇڭگونىڭمۇ سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جايغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىتالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش پەيتىدە، ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى رىئالې ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سەككىز ئوقۇغۇچىسى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىگە بولغان سەمىمىي تەقەززاسىنى ۋە جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياخشى تىلىكىنى ئىپادىلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم، ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى راۋان جۇڭگو تىلىدا ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: مەكتىپىڭلار جۇڭگو تىلى خەلقئارا تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، جۇڭگو - ئىتالىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان بىر تۈركۈم ياشلارنى تەربىيەلىدى. ساۋاقداشلار خېتىڭلاردا كۇڭزى دەرسخانىسى تۈرى ئارقىلىق جۇڭگونى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى كەڭ ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ قىممىتىنى كۆرگەنلىكىڭلارنى تونۇشتۇرۇپسىلەر. بۇ، سىلەرنىڭ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھاسىلاتىڭلار. سىلەر جۇڭگو - ئىتالىيە ياشلىرىنىڭ ئىدىيە سۆھبىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭگو - ئىتالىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىرادە باغلاپسىلەر، بۇنى ئىنتايىن ئالقىشلايمەن. سىلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركو پولو بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىتالىيەنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: ياشلىق ھەرقاچان ئارزۇ بىلەن ھەمدەمدۇر. سىلەر پات ئارىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ، داشۆگە قەدەم قويىسىلەر. سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلارنىڭ مۇشۇ ياخشى پەيتىدە، ياشلىق باھارىڭلارغا يۈز كېلەلىشىڭلارنى، ھەممىڭلارنىڭ ئارزۇيۇڭلارغا يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، جۇڭگونىڭمۇ سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلارنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جايغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش مەكتىپى ئىتالىيەدىكى داڭلىق مەكتەپ، مەزكۇر مەكتەپ 2009- يىلى بەش يىللىق تۈزۈمدىكى جۇڭگو تىلى خەلقئارا تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ئاچقان، ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۇڭزى دەرسخانىسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلانغان.