تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ جېڭدىڭدا» نەشر قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 16- كۈنى تېلېگراممىسى. يۈرۈشلۈك زىيارەت ئەمەلىي خاتىرىسى «شى جىنپىڭ جېڭدىڭدا» يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  1982- يىلى 3- ئايدىن 1985- يىلى 5- ئايغىچە، يولداش شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇپ، جېڭدىڭدا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان. ئۇ جېڭدىڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ھەربىر كەنتىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك سىياسىي نەتىجىگە، يۈكسەك سىياسىي شۆھرەتكە ئىگە بولغان. بۇ گۇرۇپپا زىيارەت ئەمەلىي خاتىرىسى جەمئىي 22 پارچە بولۇپ، زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ھەم مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى پېشقەدەم يولداشلار، ئەينى ۋاقىتتىكى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكوم بەنزىسىدىكىلەر، يەنە ئەينى يىلىدىكى ئورگان خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلار، شۇنداقلا بىر قىسىم ئادەتتىكى كادىر، ئامما بار. زىيارەت ئەمەلىي خاتىرىسىدە زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسىلىق ئورنىدىكى كۈرەش ئىزلىرى جانلىق قايتا نامايان قىلىنغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلق ئۈچۈن ياخشى سىياسەت يۈرگۈزىدىغان، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان مۇنەۋۋەر ياش كادىرلىق ئوبرازى ھەقىقىي نامايان قىلىنغان. يولداش شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە تەرى ئارقىلىق جېڭدىڭ تۇپرىقىدا قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىنىڭ تەسىرلىك داستانىنى پۈتكەن.

  «شى جىنپىڭ جېڭدىڭدا»نىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبى ئاددىي، مەزمۇنى تەپسىلىي، ئەمەلىي بولۇپ، ئۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ داھىيسى بولغان يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، كۈرەش قىلىش كەچۈرمىشلىرىنى چۈشىنىشىمىزدىكى جانلىق ئوقۇشلۇق، يېڭى دەۋردىكى رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان جانلىق دەرسلىك، ئۇنى ئوقۇغاندا كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمىتىگە ئىلھام بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.