تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقىرى-تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ قايتا ئاتلىنىش

−باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شۈدۇڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي

  ئالتە قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ئۆمەك، گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈش، 48 ۋەكىل، ئەزانىڭ سۆزىنى يۈزتۇرا ئاڭلاش، دىققەتنى ئاساسىي زىددىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈش، مەركىزىي ھالقىنى چىڭ تۇتۇش، گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى كۆزلەش، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پىلانلاش...

  ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش زور پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى.

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىش، گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پىلانلاش، فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلىشىش، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش...

  چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلدى؛ سەمىمىي ئەھۋال سوراش بىر مەقسەتتە بولۇش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

   «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى يېڭىش

  − «قانچىكى ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتقا كەلگەنسېرى، شۇنچە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق چارە قوللىنىش كېرەك»

  ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئىككى ۋەكىل بايان قىلغان ھېكايە باش شۇجى شى جىنپىڭنى ھاياجانلاندۇردى.

  خۇاڭ جيۇشېڭ دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىدىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچى ۋەكىل. بۇ بىرقانچە يىلدا، ئۇ كەنتتىكى نامرات ئاممىنى يېتەكلەپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، 12 مىڭدىن كۆپرەك كىشى بۇنىڭ بىلەن ھاللىق سەۋىيە يولىغا قەدەم تاشلىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 4800دىن كۆپرەك نامرات ئائىلە يۇرتىدا كىچىك بىنا سالدى.

  «بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيدۇ. 70 نەچچە ياشلىق يەن چۈەنجۇڭ مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: <باش شۇجى 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك سۆزلىدى، مەن دوكلاتنىڭ ھەممىسىنى ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىدىم، ئەگەر ئۆرە تۇرۇپ ئاڭلىمىسام، ئۆزۈمنى باش شۇجىغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، چۈنكى پارتىيە بىز پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتتى>».

  «ئەينى ۋاقىتتا بۇ گەپنى ئاڭلاپ، مېنىڭ ھاياجاندىن كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان بىر بوۋاي، مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بىر دېھقاننىڭ باش شۇجىغا، پارتىيەمىزگە شۇنچىۋالا چوڭقۇر مۇھەببىتى بار ئىكەن...» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، خۇاڭ جيۇشېڭ ئاۋازى بوغۇلدى. ۋەكىللەر ئۇنىڭغا بىر پەس تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا قىزغىن چاۋاك چېلىشتى.

  «سىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ يولداشقا مېنىڭ سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان سۆزىگە پۈتۈن مەيداندىكىلەر تېخىمۇ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  گەنسۇ لۇڭنەننىڭ ۋېيشيەن ناھىيەسىدىن كەلگەن دېھقان ۋەكىل لياڭ چيەنجۈەنمۇ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

  بۇ بىرقانچە يىلدا، ئىزچىل سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان لياڭ چيەنجۈەن يۇرتىغا قايتىپ تور دۇكىنى ئېچىپ، يۇرتداشلىرىنىڭ زەيتۇن يېغى، ياڭاق، يەرلىك ھەسەل، يەرلىك تۇخۇم قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ، 300دىن كۆپرەك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  «بىر ھەدىمىز دائىم دۇكىنىمغا كېلىپ كۈنلۈك ئىشلەيدۇ، پۇل تاپقاندا پات - پات چوشقىنىڭ باش گۆشىدىن ئازراق سېتىۋېلىپ ئېرى بىلەن بىللە يەيدىكەن. بىر قېتىم ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ماڭا ئۆزۈم تاپقان پۇلغا گۆش ئېلىپ يېسەم بەك تەملىك بولىدىكەن، دېدى.» لياڭ چيەنجۈەننىڭ ئوبرازلىق بايانلىرى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى، باش شۇجىنىڭ چىرايىدىمۇ مەمنۇنىيەت كۈلكىسى پارلىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى ھەربىر تەسىرلىك ھېكايە توپلىنىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇلۇغ قىسسىسى پۈتۈلگەن.

  «مۇشۇ يىللاردا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنىڭ زورلۇقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلىسىز بولدى، ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.» گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى جاراڭلىق، ياڭراق ئىدى.

  ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىش، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش. ھەقىقىي سىناق ئەمدىلا باشلاندى.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىلدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قېپقالغىنى ئەڭ نامراتلار، ئەڭ قىيىنلىرى بولۇپ، ھەممىسى ھەل قىلىش تەس بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق»تۇر.

  «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭ جەزمەن سۆزلەيدىغان مۇھىم مەسىلە بولدى.

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، بۇ خىل چوڭقۇر كۆيۈنۈش ئىلگىرىكىدەكلا چىن مەنىگە ئىگە بولدى.

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن لىنشيا ئوبلاستى، گەننەن ئوبلاستى ۋە تيەنجۇ ناھىيەسىنى مىسال كەلتۈرۈپ، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «گەنسۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن زور، مەن گەنسۇنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىۋاتىمەن، بۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن».

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە خېنەندىكى نامرات ناھىيەلەر مەركەزلەشكەن رايونلارنى بىر - بىرلەپ ساناپ چىقتى: «دابيېشەن تاغلىق رايونى بار، يەنە تەيخاڭشەن تاغلىق رايونى، خۇاڭخې دەرياسى ساھىل رايونى بار... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، يەنىمۇ غەيرەت قىلىش كېرەك».

  خېنەن كەيفېڭدىن كەلگەن ۋەكىل گاۋ جيەنجۈن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كەيفېڭدا ھازىرمۇ نامرات ناھىيە بارمۇ - يوق، دەپ سورىدى. لەنكاۋنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى، مۇشۇ ئىككى يىلدا يەنە يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، باش شۇجى ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

  پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ مۇنداق بىر بۆلەك ھېكايىسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆزلىدى، فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە يەنە سۆزلىدى:

  «فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چېغىمدا، بىر دۆلەت قۇرۇش جۇڭجياڭىنىڭ پەرزەنتى مېنى ئىزدەپ، ۋەسىيەتكە ئەمەل قىلىپ، دادىسىنىڭ جەسەت كۈلىنىڭ يېرىمىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىش، يېرىمىنى غەربىي فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي رايونىغا دەپنە قىلىشنى ئېيتتى. بۇ پېشقەدەم جياڭجۈن خۇنەنلىك بولۇپ، ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە، بىر تۇەننىڭ جېڭۋېيى بولغان، تۇەندىكى غەربىي فۇجيەن پەرزەنتلىرىنى باشلاپ، شياڭجياڭ دەرياسىدا قانلىق جەڭ قىلغان، نۇرغۇن سەپدىشى قۇربان بولغان. ئۇ كۆزۈم يۇمۇلغاندىن كېيىن سەپداشلىرىم بىلەن مەڭگۈ بىللە بولىمەن، دېگەن ئىكەن».

  «بۇ ھېسسىيات مېنىڭ قەلبىمدە.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىدىكى قىزىل تۇپراق ئىنقىلابنى ئاپىرىدە قىلىپ، شۇنداقلا ئىنقىلابىي پېشقەدەملەرنى ئاپىرىدە قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان. كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئۇنتۇغانلىق − ئەسلىنى ئۇنتۇغانلىق؛ تارىخنى ئۇنتۇغانلىق − ئاسىيلىق قىلغانلىق. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەش كېرەك، كونا ئىنقىلابىي رايون، سوۋېت رايونى خەلقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلارنىڭ بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا جەزمەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك كەمتۈكلۈكلەر ئىچىدە، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەڭ گەۋدىلىك بىر بۆلەك.

  «ھازىر 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا پەقەت ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، بۇ دەل ئەڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت، جەزمەن خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلمىغىچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق كېرەك.» ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  − نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماسلىق كېرەك.

  «ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك».

  «ھەقىقىي سىناق 2020- يىلىغا بارغاندا بولىدۇ، داقا - دۇمباق چېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقنى جاكارلىساق، نەتىجىدە بۇ يەرنى يىغا - زار، نارازىلىق سادالىرى قاپلىسا بولمايدۇ، بۇنداق ھېسسىياتقا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن. تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك!»

  − مەسىلىلەرنى تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك.

  بەزىلەر «ساختا شەكىل»دە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى، بەزىلەر «ھېسابات شەكلى»دە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى، بەزىلەر «كۆرسەتكۈچ شەكىل»دە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى، بەزىلەر «تۇراقسىز شەكىل»دە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى...

  باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا ساقلانغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى بىر - بىرلەپ مىسال كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قانچىكى ئەڭ ئاخىرقى پەيتكە بارغانسېرى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش كېرەك، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان، ساختا خىزمەت نەتىجىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك».

  − مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بوشاشماسلىق كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، «نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىش مەڭگۈلۈك باش تېما».

  ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، دەرھال يايمىنى يىغىشتۇرماسلىقى، يۈكنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقى، ئارام ئېلىۋالماسلىقى، قالغان نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق تاماملاپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  − ئىستىلنى ياخشىلاشتا بوشاڭلىق قىلماسلىق كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە «قاتتىق» دېگەن سۆزنى باشتىن - ئاخىر تىلغا ئالدى: «بىز بۇ قېتىم ھەربىيچە بۇيرۇق كاپالەتنامىسى تاپشۇردۇق، نامرات رايونلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىغىچە ئىش ئورنىدىن يۆتكەلمەيدۇ».

  باش شۇجى سۆزىدە يەنە «مۇھەببەت» دېگەن سۆزنى ئۇنتۇمىدى: «بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار چوڭ ئائىلىسى ئۈچۈن كىچىك ئائىلىسىدىن ۋاز كەچتى، بەزىلەر ئائىلىسىگە، بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىدى، بەزىلەرنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلدى، بەزىلەر ھەتتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى... بىز ئۇلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز ھەم ئۇلارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمىز».

  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىن مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكىچە، بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

  مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئېغىر خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تاكتىكا جەھەتتە ئاددىي ئىشلارغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەك».

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون قەرزنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن ئېشىنچا قەرز يەنىلا بىرقەدەر زور، قەرزنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، مۇشۇ سەۋەبلىك باشقا خەۋپ - خەتەر ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ».

  «بۇ يىل يىل بېشىدىكى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ باش تېمىسىنىڭ مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بولغانلىقى ھەرگىزمۇ بىزدە ھازىر ھەر خىل خەۋپ - خەتەر زورىيىپ ناھايىتى يامانلىشىپ كەتتى، دېگەنلىك ئەمەس، لېكىن بىز بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، ئاپەت يۈزبېرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك، ھەر قانداق ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا قىلساقلا، جەزمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋەزىيەتنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالايمىز».

  كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى قانداقراق قىلىۋاتىسىلەر؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىشنى ئەستىن چىقارمىغانىدى.

  «بىزنىڭ جېڭجوۋ يېقىندىلا گۈزەل تۇرمۇش شەھىرى بولۇپ باھالاندى. بۇنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 100 مىڭ پارچە سوئال - جاۋاب قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە پۇقرالار باھالاپ چىققان.» خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋەكىل ۋاڭ شىنۋېي پەخىرلەنگەن ھالدا جېڭجوۋدىكى يېڭى قىياپەت، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى ھەم باش شۇجىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  «ياخشى بوپتۇ! ھاۋا سۈپىتى ياخشىدۇ؟»

  «بۇلتۇر PM2.5 ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %4.5 تۆۋەنلىدى، PM10 ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %10.2 تۆۋەنلىدى».

  «ناھايىتى زور ياخشىلىنىش بوپتۇ، ئىنتايىن ياخشى! كېيىن باشلاپ يېتىشىۋاپسىلەر» دېدى باش شۇجى ماختاپ.

  يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى خېنەنگە قارىتا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىدە دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەددىدىن زىيادە ئوغۇتلاش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارى زىيادە ئېشىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى، «بۇلارنى مەسىلە دەپ ھېس قىلغان ۋاقىتتا، ھەل قىلىش ناھايىتى تەس مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغان بولىدۇ».

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇلۈنخۇ كۆلى، ۋۇلياڭسۇخەي چوڭ كۆلى، دەيخەي چوڭ كۆلىدىن ئىبارەت «بىر كۆل، ئىككى چوڭ كۆل»نىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش مەسىلىسىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، ئايرىم - ئايرىم تۈزەش لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىشقا، ھەم سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولمايدۇ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك».

  ئاچقۇچلۇق يىلدا، «ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى توغرا تېپىش كېرەك؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، جەزمەن «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى يېڭىش كېرەك.

  ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش، كۈلپەت ئېڭىدا چىڭ تۇرۇش... ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشانىغا قارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىل، ئەزالار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىنى كۆرسىتىپ بەردى، خىزمەت پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ بەردى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

   «ئاساسىي گەۋدە»نى مۇستەھكەم قۇرۇش

  − «زامانىۋى يېزىلار نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان تۇپراق، ئۈمىدلىك دالا»

  «<موما ئىشخانىسى> يوق بولغاندۇ؟»

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇشۇنداق سورىغاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر كۈلۈپ كەتتى، بەس - بەستە «يوق بولدى!» دېدى.

  «خېنەنلىكلەر موما يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىلگىرى جېڭجوۋدا بىر <موما ئىشخانىسى> بار ئىدى، موما سېتىۋالالماسلىقمۇ بىر تىنچسىزلىق ئامىلى ئىدى، ھازىر بىر مەخسۇس ئاپپارات قۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى» دېدى باش شۇجى.

  «موما ئىشخانىسى»دىن باشلانغان سۆز تېمىسىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭگولۇقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاشلىقنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاساسى قىلغانلىقىدەك ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەرۋاقىت ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك».

  خېنەن يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان چوڭ ئۆلكە. خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى دىققەت نۇقتىسىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا قاراتتى.

  «سىلەرنىڭ تېرىلغۇ يېرىڭلارنىڭ كۆلىمى قانچىلىك؟» «تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى قانچە؟» «بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى قانچىلىك؟» «ئافرىقا چوشقا ۋاباسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى خېنەندە قانداقراق؟»... باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار سوئاللارنى سورىدى.

  «دۆلىتىمىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە چوقۇم ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش كېرەك، يېنىكلىك قىلىپ ئاشلىقتا ئۆتكەلدىن ئۆتتۇق دېيىشكە بولمايدۇ» «تېرىلغۇ يەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ جېنى، يەرگە ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي چەكلەش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى مۇنداق ئاگاھلاندۇردى : ھەرگىزمۇ تاماق يېيىش مەسىلىسىدە ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى بولۇپ قالماسلىق كېرەك.

  «<ئاشلىق تېرىشتىن تاماق ئۈستىلىگىچە>، <يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشقىچە>نى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنات زەنجىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك...» تېرىقچىلىق مەنبەسىدىن تاماق ئۈستىلى ئاخىرقى ئۇچىغىچە، يېزا ئىگىلىكى باش ئۇچىدىن سانائەت ئاخىرقى ئۇچىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار زامانىۋىلاشمىسا، پۈتۈن دۆلەت زامانىۋىلاشمايدۇ.

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دىن ئىبارەت بۇ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ «ئاساسىي گەۋدىسى» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە باشتىن - ئاخىر مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولغان ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

  2016- يىلى ۋە 2017- يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەممىسىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى؛ 2018- يىلى، ئۇ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە «بەشنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يول خەرىتىسىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويدى...

  بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يول − يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتىكى بىر مۇھىم نۇقتا.

  ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيانقى قاراپ چىقىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم يېزا يولى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  بۇ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە بولغان تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈش −

  «باش شۇجى، چارۋىچىلار سىزنىڭ بىزنىڭ كەنتىمىزگە كېلىشىڭىزنى چىن كۆڭلىدىن قارشى ئالىدۇ!» دېدى تۇڭلياۋ شەھىرى زارود خوشۇنى شەرقىي سالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ يۈنبو باش شۇجىنى تەكلىپ قىلىپ.

  «سىلەرنىڭ كەنتكە بېرىش ئۈچۈن قانداق ماڭىدۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى گەپكە جاۋابەن قىزىقارلىق قىلىپ.

  «ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ھەممىسى بولىدۇ» دېدى ۋۇ يۈنبو ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن تۈزلا قىلىپ.

  «بېيجىڭدىن قانداق بارىمىز؟ ماڭا يول كۆرسىتىپ بېقىڭ» دېدى باش شۇجى يەنە سوراپ.

  «ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ تۇڭلياۋ ئايرودۇرۇمىغا بارىسىز، بىز ئاپتوموبىللىق سىزنى ئالغىلى چىقىمىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلدى، ھازىر يول بەك ياخشى». ۋۇ يۈنبونىڭ گېپى تۈگىمەيلا، يىغىن مەيدانىنى خۇشال كۈلكە ساداسى بىر ئالدى.

  3- ئاينىڭ 7- كۈنى، گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىدا يەنە بىر قېتىم ئاز سانلىق مىللەت نامرات رايونلىرىنىڭ قاتناش مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە قوزغالدى.

  «مېنىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە، 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى، سىز تىك تاغ يولىنى بويلاپ بۇلېڭگوۋ كەنتىمىزگە كەلگەنىدىڭىز» دېدى گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چۈيماتەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىن كەلگەن ۋەكىل دۇڭ سەييۈن باش شۇجىغا، «يۇرتۇمدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يوق، بىزمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇپ، يۇرتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز».

  «گەنسۇدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلمىغان قانچە ناھىيە بار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى يېنىدا ئولتۇرغان گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشتىن.

  «گەنسۇدىكى جەمئىي 86 ناھىيە، رايوندىن 31 ناھىيەگە تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلمىدى، 40 نەچچە ناھىيەدە تېخى تۆمۈريول ياسالمىدى. ھازىر پىلانلىنىپ بولدى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى بۇ مەسئۇل يولداش.

  بۇ دىيالوگلار كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - خىيالىنى ئالتە يىلنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.

  بۇ، شى جىنپىڭ يېڭىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى ئىدى، ئۇ قاتتىق سوغۇققا قارىماي، قەدىمدە «جاھاندىكى ئەڭ نامرات جاي» دېگەن نامى بار لۇڭجۇڭ رايونىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلىدى.

  بۇ يول ناھايىتى ئەگرى - توقاي ئىدى. يول بويى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىدا قېلىشى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق چەكلەش ئامىلى، شۇنداقلا شەھەر، يېزا پەرقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  3- ئاينىڭ 8- كۈنى، خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا يوليورۇق بەردى: نۆۋەتتە، يېزىلارنىڭ قاتناش - تىرانسپورت، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىقى، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ، يېزا - كەنت ئەشيا ئوبوروتى، كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىككە قاراشتا، ھاجەتخانىمۇ بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. ھاجەتخانا يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىدە جەزمەن تولۇقلاشقا تېگىشلىك بىر كەمتۈكلۈك.

  «سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىمۇ ياكى ئادەتتىكى ھاجەتخانىمۇ؟ مەركەزلىك چىرىتىش ئازگىلىمۇ ياكى بىر ئائىلىگە بىردىن توغرا كېلىدىغان چىرىتىش ئازگىلىمۇ؟» ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باياننۇر شەھىرى خاڭگىن خويتۇ خوشۇنى جۇڭنەنچۈ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جاڭ جىشىندىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي ئىچى ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى.

  فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ئىلگىرىكى سەنمىڭ شەھىرى جياڭلې ناھىيەسىنىڭ گاۋتاڭ بازىرى چاڭكوۋ كەنتىدە، ھەممە ئائىلىنىڭ سۇ چۈشۈرۈلىدىغان پاكىز ھاجەتخانا ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ئۇ يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشتە چوقۇم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى: «شارائىتى ياخشىلىرى شەھەر - بازارلاشتۇرغانغا ئوخشاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىش سىستېمىسى ئورناتسا بولىدۇ، سۇ كەمچىل جايلاردا چوقۇم سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا سېلىشمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس».

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەقسەت − دېھقانلار ئاممىسىنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، بەخت تۇيغۇسىغا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش.

  «سىز ئەينى يىلى ئۆزىڭىز سىجىل تۈرتكە بولۇپ، چاتما كېمىلىك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بېلىقچىلارنى قىرغاققا چىقارغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن ئازادە، كەڭ <ليۇفاڭ>دا ئولتۇردى، شىپى كەنتىدىكى ئامما بېلىق باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى، ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، سىز ئەينى يىلى ئوتتۇرىغا قويغان <كۆچۈپ چىقىش، ئولتۇراقلىشىش، بېيىش> تەلىپى ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى فۇجيەن نىڭدې شەھىرى بەنجۇڭ شېزۇ يېزىسى خوۋمېنپىڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لېي جىنيۈ خۇشال ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوكلات قىلىپ.

  «ناھايىتى ياخشى! مۇھىمى بېيىش يولىنى تېپىپسىلەر» دېدى باش شۇجى ئىنتايىن مەمنۇن بولۇپ.

  «بالىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، ياخشى بىر دوختۇرخانىنى تېپىپ داۋالىنىش، شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىرتقا چىقماي ئىشلەش، كەنتتە ياخشى بىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بولۇش...» خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ ناھىيەسىنىڭ چىڭزۇ بازىرى شىشىنجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل لى ليەنچېڭ جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ سەككىز ئارزۇسىنى ئېيتتى.

  «ناھايىتى جانلىق سۆزلىدىڭىز!» دېدى باش شۇجى ماختاپ.

  ئۇ ۋەكىل لى ليەنچېڭغا مۇنداق دېدى: «مەن دائىم بەزى نامرات رايونلارغا بارغىنىمدا، يېزىلارغا بارغىنىمدا، دائىم بىر سۆزنى قىلىمەن: شۇنى بىلگۈم بار، سىلەر يەنە نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق؟ بۈگۈن سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىز دەل كەڭ دېھقانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش تەلىپى، بەزىلىرىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بەزىلىرىنى ھازىر قىلىۋاتىمىز، بەزىلىرىنى كېيىنكى قەدەمدە قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز».

  ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى پۇختا زىممىگە ئېلىشتىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، يېزا ئۇل ئەسلىھەسىدىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتىن يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۇلىنى پۇختىلاشقىچە... مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»دىن ئىبارەت بۇ «ئاساسىي گەۋدە»نى قانداق مۇستەھكەملەشكە بىر قاتار ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كەسكىن ۋەدە −

  «بىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتىمىز خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چۆرىدەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. بىزنىڭ بۇ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش جەريانىمىز ھەربىر قەدىمىمىزدە ئىز قالدۇرۇپ، كۈچنى كۈچكە ئۇلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانى».

  گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان −

  «شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا، ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننى باشلىشىمىزغا ئەگىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى تېخىمۇ جانلىنىدۇ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى يەنىلا ناھايىتى زور، زامانىۋى يېزىلار نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان تۇپراق، ئۈمىدلىك دالا».

   «يۇقىرى سۈپەت»كە قەدەم تاشلاش

  − «ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش»

  بىر ئىستاكان دېھقان چېيىدىن يېشىل تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ئايان بولدى.

  «باش شۇجى، 1997- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىز بىزنىڭ چاڭكوۋ كەنتىمىزگە كېلىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدە كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە لېيچا چېيى ئىچىپ، ئازادە پاراڭلاشقانىدىڭىز...»

  3- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، لېشيەن ناھىيەسىنىڭ چاڭكوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جاڭ لىنشۇننىڭ قىلغان سۆزى باش شۇجىغا فۇجيەندە خىزمەت قىلغان ۋاقتىنى ئەسلەتتى.

  «ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم لېيچا چېيى ئىچىشىم، ئىچىدە گۈرۈچ بارمۇ قانداق؟ يەنە كۈنجۈت، چاي، جۈزە پوستى...»

  ئەينى يىلى چاڭكوۋ كەنتىدە، يولداش شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىغانىدى: «يېشىل تاغلار، سۈزۈك سۇلار بىباھا گۆھەر، تاغلىق رايوندىكىلەر <تاغ، سۇ رەسىمى>نى ياخشى سىزىپ، تاغلار، سۇلار، ئېتىزلارنىڭ ماقالىسىنى ياخشى يېزىشى كېرەك.» 20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە چاڭكوۋ كەنتى ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېقىن ساياھىتى، ئائىلىۋى ياتاق كەسپىنى راۋاجلاندۇردى، كەنت ئاھالىسى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىش قىلىپ، پۇل تېپىپ، ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى ئەينى يىلىدىكىدىن ئون ھەسسە ئاشۇردى.

  سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىگە ئادەم بىلەن تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ پەلسەپىۋى مەنىگە ئىگە ھاياتلىق تېمىسى باشتىن - ئاخىر ئورناپ كەتكەنىدى.

  دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈشى جەريانىدا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر ئۆتكەل.

  بۇ قېتىم، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «تۆت بىر» ئارقىلىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېشىل بولۇش يۆنىلىشىنى تىكلەپ بەردى −

  «<بەشنى بىرگەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىل بولۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى».

  بۇ «تۆت بىر» پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى نامايان قىلدى.

  3- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇ چوڭقۇر توختالدى، ئېنىق توختالدى.

  «جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ خەلق قوشىقى <چىلې قوشىقى>، يەنە دېدېما ئېيتقان <گۈزەل يايلاق مېنىڭ ئائىلەم>دە ئىچكى موڭغۇلنىڭ گۈزەل مۇھىتى، بولۇپمۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تەسۋىرلەنگەن».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: چوقۇم بۇ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىش ئىشىنى قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ قاراپ چىقىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا ئىلمىي دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن ئېنىق جاۋاب بەردى.

  بۇ خىل دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇل قىسمەنلىك بىلەن ئومۇملۇقنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشتا ئەكس ئەتتى.

  «ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك».

  «ئىچكى موڭغۇلنى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش − مەۋقە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇلۇپ بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەش، شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل جەزمەن ئاڭلىق زىممىسىگە ئالىدىغان مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت».

  بۇ خىل دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇل ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەكس ئەتتى.

  «يۈزەكى قارىغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك زىددىيەت بولسىمۇ، لېكىن نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئىككىسى ئورگانىك بىرلىككە ئىگە، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ».

  «ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن ئازغىنا قىيىنچىلىق سەۋەبىدىنلا، ئىش باشلاپ تۈر قۇرۇلۇشى قىلىش، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش خىيالىدا بولۇشقا، ھەتتا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ».

  بۇ خىل دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇل ئومۇمىيلىق بىلەن ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەشتە ئەكس ئەتتى.

  بۇلتۇر، ئوخشاشلا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: ئىچكى موڭغۇل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «قوي، كۆمۈر، يەر، گاز»غىلا تايىنىۋالسا بولمايدۇ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىققا دىققەت قىلىش»ى كېرەك.

     بۇ يىل، باش شۇجى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىچكى موڭغۇل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق تەبىئىي شارائىتى ئالاھىدىلىكىگە قويۇشى، ئاددىي ھالدا شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن كەسىپتە بەسلەشمەسلىكى، قۇرۇلمىدا سېلىشتۇرماسلىقى، سۈرئەتتە مۇسابىقىلەشمەسلىكى كېرەك» «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشى كېرەك».

  قاراپ چىقىش ئاياغلاشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ يۈنبو پۇرسەتنى تۇتۇپ باش شۇجىغا بىر نەپىس كىچىك سوۋغاتنى سوۋغا قىلدى: «بۇ بىزنىڭ مالچىنئەل كالا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ ئىزنىكى».

  مالچىنئەل «چارۋىچىلار ئائىلىسى» دېگەن مەنىدە. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان بەش يىلدا، جەمئىي 6 مىليون 200 مىڭ يۈەن پايدا ئايرىپ، پۈتۈن كەنتنى يېشىل تەرەققىيات بېيىش يولىغا باشلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزناكنى قولىغا ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن سەپسېلىپ قارىدى، ئىزناك مۇنداق لايىھەلەنگەن: يىراقتىكى ئالتۇن رەڭلىك تاغ، ياپيېشىل يايلاق، مۇنبەت چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى كىگىز ئۆيلەر. ئۇنىڭغا «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن مەنا سىڭدۈرۈلگەنىدى.

  «ياخشى! ماركىنىڭ داڭقىنى چىقىرىڭلار.» باش شۇجى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى پۇختا قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ −

  «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجادىيەتكە يۈزلىنىشىنىڭ تۈپ چىقىش يولى يېڭىلىق يارىتىشتا.» فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ئەنتا شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، ۋەكىل دىڭ شىجۇڭ چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «2001- يىلى سىز جىنجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ماڭا، بىرىنچىدىن مەھسۇلات سۈپىتى ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەشنى، ئىككىنچىدىن ئۆزىمىزنىڭ ماركىسىنى يارىتىشنى تاپىلىغانىدىڭىز».

  «ئەينى چاغدا، نېمە ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى قويغانىدىڭىز؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

  «<ئەنتا>نىڭ مەنىسى خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش، ئەستايىدىل ئادەم بولۇش» دەپ جاۋاب بەردى دىڭ شىجۇڭ.

  «كارخانا قۇرۇش، ئىش قىلىش ئاز - تولا پۇل تېپىش مەسىلىسىلا ئەمەس. پۇلنىلا كۆزلىگەندە، شاختىن - شاخقا قونىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئەمەلىي ئىشلەپ، باشقىچە خىياللاردا بولماي بىر ئاساسىي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، بۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش» دېدى باش شۇجى.

  «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش»تىن «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى:

  «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مۇشۇنداق چاغلاردا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن تېخىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىش كېرەك»؛

  «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك»؛

  «<ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك>تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئۈچۈن ئادىل، ئاشكارا، قانۇنچىل تەرەققىيات مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك...»

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇقەررەر يول −

  «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سانائەت، مۇلازىمەت كەسپىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغىمۇ باغلىق.» خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىش»نى، دىققەتنى دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە، دېھقانلار بىلەن كوللېكتىپنىڭ مۇناسىۋىتىگە، دېھقانلار بىلەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار، يەر، كاپىتال قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ شەھەر، يېزىلار ئارا قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى ۋە باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشنى تەكىتلىدى.

  ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش. فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەننىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى، 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى يادرولۇق رايونى قاتارلىق كۆپ رايون مۇجەسسەملىنىشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى يول ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى مەركەزلىك جۇغلىنىشقا جەلپ قىلىپ، فۇجيەن سانائىتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشتا تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   «كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ»نى ئۇرغۇتۇش

  − «جۇڭگو ئېگىزدە پەرۋاز قىلىش، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك»

  «2014- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىز خېنەن لەنكاۋغا كېلىپ، بىز بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتىڭىز. مەن سىزگە مۇنداق دېگەنىدىم: باش شۇجى، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش ھەققىدە مەن لى ليەنچېڭنىڭ بىرلا چۈشەنچەم بار، ئامما نېمىگە قارشى تۇرسا، مەن شۇنى قىلمايمەن، ئامما نېمىنى ھىمايە قىلسا، مەن شۇنى قىلىمەن، مېنىڭچە بۇمۇ ئاممىۋى لۇشيەندە ماڭغانلىق».

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، ۋەكىل لى ليەنچېڭ ئەڭ ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئەڭ سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  بارلىق تارىخنى خەلق يازغان.

  دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019- يىل يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە قەتئىي، كەسكىن ئېيتقىنىدەك: «خەلق جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەھكەم ئۇلى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئاساسى».

  مەيلى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى «مۇھىتنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى» قىلىش ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى «بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى جەزمەن تاماملايدىغان قاتتىق ۋەزىپە» قىلىشتا بولسۇن، مەيلى «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى كۈچەپ تەكىتلەش ياكى «پۈتۈن جەمئىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىش» «چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلغانغا ئوخشاش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش»نى بىلدۈرۈشتە بولسۇن... «خەلق» دېگەن سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىن ۋاقتىغا باشتىن - ئاخىر سىڭگەن.

  3- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسى.

  دېرىزە سىرتىدا ھاۋا ئوچۇق، باھار گۈلى غۇنچە بولغان بولۇپ، جۈيىڭ زالىغا داڭلىق زاتلار جەم بولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

  بۇ يەرگە كېلىشىدىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئەلرايى − ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئورتاق تونۇش − جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاشقا موھتاج، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشكە، ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج».

  پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاش ئۈچۈن، دەۋر چاقىرىقىنى ياڭرىتىش كېرەك −

  «<ماقالە دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يېزىلىشى، ناخشا رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنىشى كېرەك>. دېمەك دەۋرنى، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگۈچىلەر دەۋرنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىدا ئاز - تولا نەتىجە يارىتىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمىي ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ «مەنىۋى ئىشلار» توغرىسىدا توختالغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى دەل مۇشۇنىڭدا، «گۈللەنگەن جۇڭگونىڭ ئەينەن كارتىنىسى ئۇيۇشۇش كۈچى، روھنى ئۇرغۇتۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك».

  قانداق قىلغاندا بۇ دەۋرنى قەلبى، مېھرى، زېھنى بىلەن ياخشى يازغىلى، ياخشى شەرھلىگىلى بولىدۇ؟

  «<90- يىللاردا تۇغۇلغانلار> <2000- يىللاردا تۇغۇلغانلار> كېچىلەپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئۆزگەرمەس تاش ئالما»نى ئۆتكۈزۈۋەتمەي كۆرۈپ، جوۋ زۇڭلىنىڭ شانلىق ھاياتىدىن تەسىرلەندى؛ كىنو «شياڭجياڭدىكى قانلىق جەڭ» قويۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، تەزىم قىلدى، ليەندۈي جەڭچىلىرى بەس - بەستە، ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولسىلا، دەرھال جەڭگاھقا ئاتلىنىمىز دېيىشتى...» پەردە ئارقىسىدىكى بۇ ھېكايىلەر توغرىسىدا توختالغاندا، كىنو رېژىسسورى، ئەزا چېن لىنىڭ ئاۋازى بوغۇلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ھەرقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ - دە! شاڭخەي شىكۇمېن، نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن، 14 يىل ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش، تارىخىي ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئاندىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلدى. جۇمھۇرىيىتىمىز قىزىل رەڭلىك، بۇ رەڭنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ».

  پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاش ئۈچۈن توغرا ئەخلاق تۇرغۇزۇش ئارقىلىق كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك −

  ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزا ئوتتۇرىغا قويغان «پىل چىشى مۇنارى»، قارىغۇلارچە چەت ئەلگە چوقۇنۇش ھادىسىسىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل جايىغا تەگكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ رېئال مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈش، قانداق رېتسېپ يېزىش، قانداق كېسەلنى داۋالاشتا، ئەمەلىيىتىمىزنى ئاساس قىلمىساق بولمايدۇ - دە! جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تومۇرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك! دىلىمىز يورۇق بولۇشى كېرەك».

  دىراما رېژىسسورى، ئەزا تيەن چىنشىن باش شۇجىغا ھازىر مىللىيچە ئۇسسۇللۇق دىراما «نامراتلارنى يۆلەش يولىدا»غا رېژىسسورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى 80 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ دۇنيا مىقياسىدا كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. بۇنى بىز چوڭقۇر قازساق، قىزغىن مەدھىيەلىسەك بولمامدىكەن؟»

  ئەزالارنىڭ ئوي - خىيالى، تەسىراتلىرىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ باش لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى، ئارىلاپ قولىغا قەلەم ئېلىپ خاتىرىلىدى.

  پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاش ئۈچۈن، خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە سەپەرداش بولۇش كېرەك −

  «بارلىق مۇۋەپپەقىيەت خەلققە مەنسۇپ، بارلىق شان - شەرەپ خەلققە مەنسۇپ. خەلق ئابستراكىت ئەمەس، بەلكى گۆشى، قېنى بار».

  «<ئەنقا كۆكتە پەرۋاز قىلغاندا، بىرلا قانىتىغا تايانغان ئەمەس؛ تۇلپار ئۇچقاندەك چاپقاندا، بىرلا پۇتىنىڭ كۈچىگە تايانغان ئەمەس>. جۇڭگو ئېگىزدە پەرۋاز قىلىش، ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلقنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى توپلىشى ۋە قوزغىتىشى كېرەك».

  ...

  چوڭقۇر ئۈمىد خەلق قەلبىنى نۇرلاندۇردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش شىجائىتىنى مۇجەسسەملىدى.

  شەرقتىن شامال كەلدى، ھەممە يەر باھار تۈسىگە چۆمدى.

  نەچچە كۈندىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدىكى سەمىمىي پىكىرلىشىشتىن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىدىكى چىن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، پىكىرلىشىش داۋامىدا ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈردى، مۇزاكىرە داۋامىدا كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

  فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قەيسەر، كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق خىزمەت - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم قەتئىيلىك بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك.

  ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020- يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پۈتۈن ئارمىيە جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «13- بەش يىللىق»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىرادە، جاسارەتنى چىڭىتىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىپ، ياچېيكا شۇجىسىغا خاس <باشلامچى ياۋاغاز>لىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، يۇرتداشلارنى بىر يەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمەن.» ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، يېزا ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى جاڭ جىشىننىڭ قىلغان سۆزى ئالقىشقا ئېرىشتى.

  قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج.

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

  ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىش 56 مىللەتنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىشىغا موھتاج بولۇپلا قالماي، يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يەن - خۇاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج.

  فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىنمېن، مازۇ بىلەن فۇجيەن دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ سۇنى تۇتاشتۇرۇش، توكنى تۇتاشتۇرۇش، گازنى تۇتاشتۇرۇش، كۆۋرۈكنى تۇتاشتۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. «ئىككى قىرغاق تۇتاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۇتاشتۇرۇش» «ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تارىخىي مۇقەررەرلىكتۇر».

  ئاچقۇچلۇق پەيتتە، كاللىمىزنى شۇنچە سەگەك تۇتىشمىز كېرەك.

  «كۈن ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاش، پۇل بولسىلا، ئۇچۇپ كېتىشكە، كۆرەڭلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. يېگەنگە، كېيگەنگە نامراتلىشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما پىلانلىق بولمىسا ئۆمۈر بويى نامرات ئۆتىدۇ».

  ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ھەم پەلسەپىۋىلىككە تولغان سۆزلىرى بىلەن كۆپچىلىككە نەسىھەت قىلدى: باشتىن - ئاخىر «غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈش» ئىدىيەسىنى ساقلاپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىمىز، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  تارىخ ئېقىنى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلىمەكتە، بۇ خەلق داھىيسىنىڭ 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن جۇڭگو خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىپ دەۋر ئېقىنىدا مەزمۇت تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادى:

  «بۇلتۇر، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. بۇ يىل، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلۇغ تارىخىي پەيت دېيىشكە بولىدۇ. بىز جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ئاندىن ئۆزىمىزگە بولغان قۇدرەتلىك ئىشەنچكە ئىگە بولدۇق، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز يولىمىزدا ماڭىمىز!»

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.