تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى مەھكىمىنىڭ دوكلاتىغا داۋاملىق قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا داۋاملىق قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى جاڭ شۆچياۋ ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  جاڭ شىن، گو شياۋخۇڭ، ئېرجان جۇۋانقان، سۈن چۈنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ھەل قىلىش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2016- يىلى 3- ئايدا «ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە ئىجرا قىلىش تۈزۈمى، تۈزۈلمىسى ۋە ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشاننى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى. نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچ− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا، ئاچقۇچ− پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىدە، ئاچقۇچ− ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئاچقۇچ− ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى تەمىنلىگەن پەن - تېخنىكا تىرىكىدە. كېيىنكى قەدەمدە، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ھەل قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  جاۋ جىنلۇڭ، مەمتىمىن ئابدۇغېنى، جاڭ يەن، فاتىمە قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كۈتۈنۈش، داۋالاش، ئىستېمال، ئۆيلىنىش - ئائىلە قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دېلولارغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مۇقىيات جارمۇقامېت، ۋاڭ يەنچىڭ، مۇسا مەمەت قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، جۇڭگوچە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەۋا تەپتىش يولىنى باتۇرلۇق بىلەن ئاچتى، باشلىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولدى. پۈتۈن بىر يىلدا دېلو تۇرغۇزۇپ بېجىرىلگەن ھەق تەلەپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەۋاسى، مەمۇرىي ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەۋا دېلوسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۈلكىنى قوغداش، دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش، قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىقلارغا چېتىلدى. دېلو بېجىرىش ئارقىلىق، بۇلغانغان، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن تېرىلغۇ يەر، سۇلۇق يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاقلارنى تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى، قاتتىق تاشلاندۇق، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىندى، ساختا، ناچار يېمەكلىك بىلەن ساختا دورا ۋە ئەتكەس قىلىپ كىرگۈزۈلگەن دورىلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا، يىغىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىندى، دۆلەت مۈلكىنى يىغىۋېلىشقا، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىت تۈزەش خىراجىتىنى تۆلىتىۋېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچرىغان ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم «ھېساب بەرگۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەۋا تەپتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېلو بېجىرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈپەت، ئۈنۈمگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  نۇر مەمەت، شۈ تاۋ، ھۆرنىسا قادىر، لياۋ چاۋياڭ، ئادالەت ئېزىز قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، جىپسىلاشتۇرۇش، ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دېلودا ئەكس ئەتكەن خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارغا قارىتا سەزگۈر بولۇپ، تەپتىش قىلىش تەكلىپىنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر دېلونى بېجىرىپ، بىر دائىرىنى تۈزەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.