مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى يېپىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى يېپىلدى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار، ھەرقايسى قاتناشقان ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، دۆلىتىمىزنى باي، كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

  يىغىنغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۈي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ ياڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2157 نەپەر، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2123 نەپەر، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن، دەپ جاكارلىدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھالقىلىق يىلغا قەدەم قويغاندا چاقىرىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن قوللىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم ساھە گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، چوڭقۇر كېڭىشىپ، پائال ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يىغىن دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، ئورتاق تونۇش كەڭ مۇجەسسەملەنگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىمۇ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. 70 يىلدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھات يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، شانلىق مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخىي تۆھپىلەرنى ياراتتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سەھنىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى ئىگىلەپ، ئېتىقاد ۋە ئىرادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تەجرىبە ۋە ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. ئۆگىنىشنى قەدىرلەپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش نەتىجىلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئۇلىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بايرىقى ئاستىدا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىشىمىز لازىم. يېڭىلىق يارىتىشنى قەدىرلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنىڭ تەرتىپى ۋە يۈرۈشۈش شەكلىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ مۇقىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. ئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى تىرىشىپ سىزىپ چىقىشىمىز لازىم.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى دەۋرگە خاس ھالەتكە ئىگە بولۇشى، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ يېڭى دەۋرگە خاس ئوبرازغا ئىگە بولۇشى لازىم. ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ساپايىمىز ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىمىزنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، يېڭى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم. كۈرەشچىگە خاس سالاپىتىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماي، باشتىن-ئاخىر دۆلەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا رىشتە باغلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر يىللىق «ئەزالار تاپشۇرۇقى»نى ياخشى ئىشلەپ، دەۋر چىقارغان ئىمتىھان سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يارقىن سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشىمىز لازىم.

  يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن قاتارلىقلار بار.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

3-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.