تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار قاتناشتى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 3- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ يەتتە جەھەتتىن 2018- يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق؛ ئىككىنچى، قانۇن بويىچە جىنايەتنى جازالاپ، خەلقنى قوغداپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىدۇق؛ ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدۇق؛ تۆتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەدلىيە تەلىپىنى قاندۇردۇق؛ بەشىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئاقىل سوت مەھكىمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش سىستېمىسى ۋە سوت قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق؛ ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، مەھكىمىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان خەلق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى بەرپا قىلدۇق؛ يەتتىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  جوۋ چياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «ھەقىقىي تۈردە ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ھەل قىلىش» توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 2016- يىلى 3- ئايدا «ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە ئىجرا قىلىش تۈزۈمى، تۈزۈلمىسى ۋە ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشاننى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇردى.

  جوۋ چياڭ بەش جەھەتتىن 2019- يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دوكلات قىلدى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىمىز؛ ئىككىنچى، سوت قىلىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىمىز؛ ئۈچىنچى، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز؛ تۆتىنچى، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز؛ بەشىنچى، قوشۇننى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان يۇقىرى ساپالىق سوت مەھكىمىسى قوشۇنى بەرپا قىلىمىز.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن بەش جەھەتتىن 2018- يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى: بىرىنچى، تەپتىشلىك فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزدۇق. دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداپ، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا پائال ماسلىشىپ، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەپتىشلىك خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، مەۋقەنى دېلو بېجىرىشكە قويۇپ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتناشتۇق؛ ئىككىنچى، دەۋا پائالىيىتى قانۇن نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى قوغدىدۇق. جىنايى ئىشلار دەۋا نازارەتچىلىكىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ دەۋا نازارەتچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەمۇرىي دەۋا نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىدىن ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلدۇق ۋە كاپالەتلەندۈردۇق؛ ئۈچىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق دەۋاسىنى قانۇن بويىچە كېڭەيتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقنى قوغداشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق. قوش پايدا ئېلىش، كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، دەۋادىن ئىلگىرى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقنى قوغداش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ ياخشى ھالەت قىلىپ، دەۋا قىلىشنى جانلىق قانۇنچىللىق دەرسىگە ئايلاندۇرۇپ، قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن قەھرىمانلار - قۇربانلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدۇق؛ تۆتىنچى، تەپتىش نازارەتچىلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق تەلىپىگە ماسلاشتۇق. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلارنىڭ سىستېما خاراكتېرلىك، قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى كۆيۈنۈش، دېگەندە چىڭ تۇردۇق؛ بەشىنچى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەپتىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: 2019- يىللىق تەپتىشلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ نېگىزلىكى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەڭ مۇھىمى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش. بىرىنچى، «مۇقىم ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز؛ ئىككىنچى، «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئىگىلەپ، مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز؛ ئۈچىنچى، «ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ نىشاننى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى تەپتىشلىك خىزمىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىمىز.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن باشلانغاندا ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ھازىر 2975 نەپەر. 3- ئاينىڭ 11- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋاڭ مىنگاڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. بىز يىغىن نامىدىن ۋەكىل ۋاڭ مىنگاڭنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2974 نەپەر، يىغىنغا قاتناشقىنى 2948 نەپەر، قاتنىشالمىغانلار 26 نەپەر، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن يۈ ۋېيگو، ما فېڭگو، ۋاڭ گۇاڭيا، ۋاڭ جيەنجۈن، چې جۈن، بايىنچاۋلۇ، شى تەيفېڭ، ليۇ جيايى، ليۇ سىگۈي، سۈن جىگاڭ، دۇ جياخاۋ، لى فېي، لى يۈمېي، لى ۋېي، لى جىخېڭ، ۋۇ يۈلياڭ، خې يىتىڭ، جاڭ چىڭۋېي، جاڭ شۈەن، خۇ خېپىڭ، لو خۈينىڭ، گاۋ خۇچېڭ، پېڭ چىڭخۇا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.