تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە، يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى سەمىمىي قوبۇل قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

     بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020- يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پۈتۈن ئارمىيە جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىرادە، جاسارەتنى چىڭىتىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۆيۇڭ، لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ 2020- يىللىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىلى، پۈتۈن ئارمىيە جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق تونۇپ، ئىرادە، جاسارەتنى چىڭىتىپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا، جاڭ يىخۇ، ۋاڭ خۇيچىڭ، لى جۈن، جۇ چېڭ، ۋاڭ نىڭ، باۋ لىن، داڭ زېڭلۇڭ، چېن جيەنفېي قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش، قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  ۋەكىللەرنىڭ سۆزىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئارمىيە قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان 2020- يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يىرىك پىلان، ئۇنى ياخشى تاماملاش - تاماملىيالماسلىق ناھايىتى مۇھىم. جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى قىلىپ، ۋەزىپە - پىلان، كۈچ - بايلىق، باشقۇرۇش - تەرتىپنى ياخشى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلەرنى دەلىللەش سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈر تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ساھە ھالقىپ، تارماق ھالقىپ، ئارمىيە - يەرلىكتىن ھالقىپ بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «لاتقا»لارنى تازىلاپ، «توسۇق»لارنى راۋانلاشتۇرۇپ، «قىيىن نۇقتا»لارنى ھەل قىلىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەۋزەل كۈچ ۋە بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يىرىك پىلاندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىدا ئاچقۇچلۇق تىرەك بولىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا يانداشتۇرۇلغان نۇقتىلىق تۈرلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، مۇھىم، زور قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاچقۇچلۇق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ۋاقىت تۈگۈنى، سۈپەت تەلىپىنى ئىگىلەپ، سۈرئەت بىلەن ئۆلچەمنى بىللە تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي كۈچ قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەت، تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يىرىك پىلاندىكى ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يىرىك پىلاننىڭ نوپۇزى ۋە قاتتىق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ چىڭ بولغان يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يېڭىش كېرەك. خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچىمىگەنلەر، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ھەربىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىشى كېرەك. مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، خىراجەتنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى دەلىللەش - تۈزۈش خىزمىتىدە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى، ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، نۆۋەتتىكى قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېھتىياجنى دەلىللەش، يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش، ۋەزىپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىرادىسى، مەقسىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ھەربىي بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز. ئارمىيە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پائال ياردەم بېرىشى، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشى، نامرات كەنت، نامرات ئاممىغا نۇقتا بويىچە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللىشى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىلانغان، كېسەل، مېيىپ ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، قوشۇن بىلەن بىللە تۇرىدىغان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئورتاق ھالدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.