تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

  ■يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى چوڭ ئۆزگىرىش جەريانىدىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەش، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۈرئەتنى تېزلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك.

  ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەتلەرنى كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ ئىشلەپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مىللەتكە، دۆلەتكە بولغان چۈشىنىشى ۋە مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەيۋەن خىزمىتىدە خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بىردەك مۇئامىلىدە بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلغانغا ئوخشاش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش كېرەك.

  كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەش كېرەك، ئىنقىلابىي كونا رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىدىكى خەلقنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىدىكى بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يىغىندا، لېي جىنيۈ، جاڭ لىنشۈن، لەن پىڭيۇڭ، كاڭ تاۋ، چېن گويىڭ، پەن يۆ، دىڭ شىجۇڭ، جاڭ ليەنشېڭ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «رەقەملىك جۇڭگو» قۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىر بايان قىلدى. بەزى ۋەكىللەر يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىرىش ياساش ئارقىلىق مىللىي ماركا بەرپا قىلىش توغرىسىدا سۆزلىگەندە، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز 2001-يىلىلا بۇ ئىشنى قىلغان ئىكەنسىز، ھازىر يەنىلا قىلىۋېتىپسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى زورايتىپسىز. كارخانا قۇرۇش، ئىش قىلىش ئازراق پۇل تېپىش مەسىلىسىلا ئەمەس. ئەمەلىي ئىشلەپ، باشقىچە خىياللاردا بولماي ئوقەت قىلىش كېرەك، بۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. شى جىنپىڭ ئاخىرقى مۇھىم سۆزىدە فۇجيەننىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، فۇجيەندىكى يولداشلارنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا پايدىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ، ئەڭ زور دەرىجىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى چوڭ ئۆزگىرىش جەريانىدىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىشقا ئىلھام بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەش، يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۈرئەتنى تېزلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان، يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار ئۈچۈن ئادىل، ئاشكارا، قانۇنچىل تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كارخانىچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بازار رىقابىتىدە يول ئېچىش روھىغا، ئالدىن كۆرەرلىككە، خەلقئارا نەزەر دائىرىگە ئىگە كارخانىچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى، 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى يادرولۇق رايونى قاتارلىق كۆپ رايون گىرەلەشكەن ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى يول ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى مەركەزلىشىش، توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، فۇجيەننىڭ كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىدا ئالدىدا مېڭىش كېرەك. دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. تەيۋەن خىزمىتىدە ھەم ئومۇملۇق چوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزلەش، ھەم پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكىلەر تۇتاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىق مەنبەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ساھە ئۆلچىمىنى ھەممىبابلاشتۇرۇشنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ فۇجيەننى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇققا كەلگەندىكى بىرىنچى يۇرتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، خىزمەتلەرنى كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ ئىشلەپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مىللەتكە، دۆلەتكە بولغان چۈشىنىشى ۋە مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تەيۋەن خىزمىتىدە خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بىردەك مۇئامىلىدە بولۇپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلغانغا ئوخشاش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش كېرەك. بۇلتۇردىن بۇيان، بىز «31 ماددىلىق تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىر» چىقاردۇق، فۇجيەن «66 ماددىلىق يولغا قويۇش پىكرى»نى يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەنگۈچىلەردۇر. بۇ تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، تەيۋەنگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان يەنە قانداق سىياسەت-تەدبىرلەرنى چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ، قىلغىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىلىش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەش كېرەك، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىدىكى خەلقنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. رەتلەپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەريانىدا بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھېرىپ-چارچاشتىن قورقمايدىغان، ئۇدا جەڭ قىلىدىغان قەيسەر ئىستىلغا ئىگە بولۇشى، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر دائىرىگە ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىنى گەۋدىلىك ياخشى قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قەيسەر، كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى ئارقىلىق خىزمەت-ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لوۋ چىنجيەن، ۋۇ جېڭلۇڭ، چې جيې قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى تۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن مۇھىم، زور قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىسى بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىدىغان، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولىدىغان ئېنىق مەيدانىنى جاكارلىدى، بۇ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. جياڭسۇنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇنىڭ خىزمىتىگە بولغان مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يېڭى جياڭسۇ قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ ياڭ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. پۇبۇ دۇنجۇ، گېساڭ جوگا، جاشى جياڭسۈن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ مۇنداق بىلدۈردى: كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ۋاڭ ياڭ شىزاڭنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى كۆرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، قانۇن ئارقىلىق شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىزاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئاساسنى پۇختىلاشتەك مۇھىم پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىبادەتخانا باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ تىنچ، ئىناقلىقىغا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمەن. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، تۈرلۈك مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  جاۋ لېجى خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن پياۋ، دېڭ شياۋگاڭ، ياڭ يىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. جاۋ لېجى خەينەننىڭ خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خەينەننىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەنگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە بەلگىلەپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، پۇرسەتتىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، دادىل ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى. جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى نازارەتچىلىك، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى بىلەن باغلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئارقىلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.