تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قۇۋۋەتلەيمىز. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىدىغان مەزگىل دەل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلىگە توغرا كەلدى. بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  دىلشات قىدىرقان، فاتىمە، قەيسەر ئابدۇكېرىم قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇن - تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، «7- بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قارارىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  مېھراي ئىبراھىم، مەمتىمىن قادىر قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى قىلىپ، ھەم سانغا تەلەپ قويۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرى چىقىرىلسا بىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھەربىر تۈرلۈك قانۇننىڭ ھەممىسىنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدىغان قىلىپ چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنى ھەربىر تۈرلۈك قانۇن - تۈزۈمدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلالايدىغان قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ يەنچىڭ، لى بىن، لياۋ چاۋياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ يىل بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قانۇنلارنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  ياسىن سىدىق، جاڭ يەن قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: نۇقتىلىق ھالدا سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قانۇنى، بېلىقچىلىق قانۇنى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى يولغا قويۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قانۇن بويىچە، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى قوغداش كېرەك.

  پۇرباي تۈگېجېجاپ، سۈن چۈنۋاڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خامچوتنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشتە ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شۈ تاۋ، ئادىل ئابدۇرازاق قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.