تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خامچوت دوكلاتىنى داۋاملىق قاراپ چىقىپ تەكشۈردى

  چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 2018- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقىپ تەكشۈردى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: بۇ يىللىق مالىيە كىرىم - چىقىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سىياسەت ۋە مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە نۇقتىلىق چىقىمغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك.

  زۇمرەت ئوبۇل، ھۆرنىسا قادىر قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ يىل ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، «كۈچەش»نى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش ۋە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، «ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش»نى مالىيە مەبلىغىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنسا.

  جارقىن ئاخات، مەمتىمىن ئابدۇغېنى قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى راۋانلاشتۇرۇلسا.

  سۈي جيۇشيۇ، نۇر مەمەت، چېن لياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يەنە قوللاشنى زورايتىشقا موھتاج. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە سېلىنمىسى كاپالىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلار توپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ كۆپەيگەن قىسمىنى ئاساسلىقى ئېغىر نامرات رايونلارغا ئىشلىتىپ، باشقا ئالاقىدار يۆتكىمە چىقىم ۋە قەرزنى چەكلىك سوممىلىق تەقسىملەشتىمۇ داۋاملىق نامرات رايونلارغا، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللىشىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۈچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنى نۇقتىلىق قوللاپ، نامراتلارنى كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە يۆلەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامرات رايون، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ۋاڭ گاڭ، سۈن چۈنۋاڭ، قۇربان نىياز قاتارلىق ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى قاراپ چىقىپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نىڭ تەلىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوتقا ئالاقىدار قارارىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىپ، دائىملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈشنى ئەلالاشتۇرۇش، تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىللەر، ئەزالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن نەيىم ياسىن، شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.