تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى داۋاملىق قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەن، دوكلاتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەيدىغان، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان «ۋەزىپىنامە»، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە تامامەن ئۇيغۇن، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، قانۇنچىللىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شى داگاڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، ئوبيېكتىپ ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى خەلق رايىغا يېقىنلاشقان، ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىزمەت تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولۇپ، يادرونى قوغدايدىغان، خەلق رايىغا يېقىنلاشقان، ئىشەنچنى مۇجەسسەملەيدىغان بىر ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل لو دۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نامايان قىلىنغان، ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلەنگەن، بۇ يىللىق ۋەزىپىلەر ھەقىقىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل پېڭ جيارۈي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلەنگەن، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي، دەل جايىدا بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى پۇختا ئادا قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ھەم ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوللىشىغا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل غانىبات سابۇكەي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىلغان، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملەنگەن، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان بىر ياخشى دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا قەتئىي غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان بىر ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بۇلتۇردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، تۈرلۈك خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، كىشىنى چىن كۆڭلىدىن خۇشاللاندۇرىدۇ ۋە ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىز بار.

  ۋەكىللەردىن قۇرماش سېرجان، مىن شياۋچىڭ، رۇقىيەم مەتسەيدى، ياسىن سىدىق، جاڭ شىن، يوۋ لياڭيىڭ، مۇساجان نۇردۇن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، مەمەت جۈمە ۋە نىياز ھاشىم، پەرھات روزى، ئەكبەر مەتناسىر، خې شىڭلياڭ، جوۋ شۈيۇڭ، شۈ تاۋ، ئادىل ئابدۇرازاق، لاچىن بايئەكە ئايرىم - ئايرىم ھالدا گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيمىز. بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلىشى، رولچى بولۇشىدىن بولدى. بىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نەيىم ياسىن، لى ۋېي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.