تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى   ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى شياۋپېڭ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە خىزمەتچى خادىملار يىغىنغا كېلىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر بولغان ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوغداش ھەرىكىتىنى چىڭىتىپ، قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قوغداش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا، باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، گەپ مېغىزلىق قىلىنغان، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى مۇھىت ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدا مۇھىم، زور ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛ خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم ئېلىندى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدا تولۇق يېتەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغانلىقىدا، نېگىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكى بولسىلا، بىزنىڭ پارتىيەمىز مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان پىششىق ئىقتىدارغا ۋە ئۆتكۈر ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولسىلا، ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان يوق، ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەلمۇ يوق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ھەم پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەن، ھەم ئۆتكەن بىر يىلدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىشلىگەن خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەنگەن، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە نىشان - ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلات كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىز جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى، ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋەكىل سۈن جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، يادرو قوغدالغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەنگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. قاراپ چىقىش ئارقىلىق بىزنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق بارلىق خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز، سىياسىي ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىز ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنىمۇ كۈچەيدى، بىزنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭ ۋە بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى، بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچەش يۆنىلىشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يولى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنىغا قويغان تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە سىجىل كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.

  ۋەكىل نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ خۇلاسە قىلىنىپتۇ، مەسىلىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئانالىز قىلىنىپتۇ، تەدبىرلەر ئوبيېكتىپ، كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ۋاڭ گاڭ، قۇربان نىياز، سۈن چۈنۋاڭ، چېن لياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلىپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن قالتىس بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەت ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شى داگاڭ، لى ۋېي، لو دۇڭچۈەن، پېڭ جيارۈي، غانىبات سابۇكەي، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.