تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش كېرەك

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش كېرەك

3- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭغا ئېۋىنكى مىللىتىدىن بولغان ۋەكىل كۆك رەڭلىك خاداك سوۋغا قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ھەم ئۇلارغا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى.

  جاڭ جىشىن، يۈ لىشىن، لى يۈلياڭ، سو شۇخۈي، ۋۇ يۈنبو، جاۋ جياڭتاۋ، ليۇ ياشېڭ، گۇڭ مىڭجۇ قاتارلىق سەككىز ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «باشلامچى ياۋاغاز»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېغىر كېسەللەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىگىلىكى بەرپا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئارىلاپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئاخىرىدا سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى نامايان قىلىنغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى نامايان قىلىنغان بولۇپ، تامامەن قوشۇلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز بېيىدى ۋە مۇكەممەللەشتى، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاساسىي تەدبىر، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە يېشىل بولۇش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئىدىيە، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى. بۇ «تۆت بىر» پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى نامايان قىلدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىچكى موڭغۇلنى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش−مەۋقە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇلۇپ بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەش، شۇنداقلا ئىچكى موڭغۇل جەزمەن ئاڭلىق زىممىسىگە ئالىدىغان مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىكى بۇ مەنزىرە لىنىيەسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن تېخىمۇ زور ئىرادە بولۇش، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئورگانىك بىرلىككە ئىگە، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن ئازغىنا قىيىنچىلىق سەۋەبىدىنلا، ئىش باشلاپ تۈر قۇرۇلۇشى قىلىش، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش خىيالىدا بولۇشقا، ھەتتا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈش جەريانىدا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر ئۆتكەل. بىز چوقۇم چىشىمىزنى چىشلەپ، بۇ داۋاندىن يامىشىپ ئۆتىشىمىز، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىرادىمىزنى ساقلاپ، تەۋرەنمەسلىكىمىز، بوشىشىپ قالماسلىقىمىز، يوچۇق قويماسلىقىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بەلگىلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىچكى موڭغۇلنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ئېكولوگىيە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل تەرەققىيات يېتەكچى قىلىنغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىپ، شەھەر - بازار، يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە بوشلۇقى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش قىزىل سىزىقى، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش چېگراسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى پىلانلاش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق تەبىئىي شارائىتى ئالاھىدىلىكى، ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قويۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى موڭغۇلدا ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، دەريا-ئېقىن، كۆل، قۇملۇق قاتارلىق كۆپ خىل تەبىئەت ھالىتى بار بولۇپ، ئۇ ئۇزاق مەزگىلدە شەكىللەنگەن ئۇنىۋېرسال ئېكولوگىيەلىك سىستېما، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە جەزمەن ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك. ئوتلاقنى، ئورماننى قوغداش ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشتىكى باش ۋەزىپە. جەزمەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىچكى مېخانىزمى ۋە قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، قاراتمىلىقى، سىستېمىلىقى، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ھەم مۇھىتنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى، ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى جىددىي ۋەزىپە. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى ۋە ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى قەتئىي تۈزەپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر-بازار، تەرەققىيات رايونى، سانائەت باغچە رايونىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزىلاردىكى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىچكى موڭغۇلدىكى خۇلۇننۇر كۆلى، ئۇلانسۇخا، دەيخەينىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. ئىچكى موڭغۇل تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ئىلگىرى جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشقا تايىنىپ ئۈزلۈكسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان، ھازىر بىز يەنىلا مۇشۇنداق ئىدىيە بىلەن خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. يېگەنگە، كىيگەنگە نامراتلىشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما پىلانلىق بولمىسا ئۆمۈر بويى نامرات ئۆتىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى پۇقرالارنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشى ئۈچۈن، بۇنى پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە خاراكتېرى بەلگىلىگەن. مەيلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى قايسى سەۋىيەگە يەتسۇن، مەيلى خەلقنىڭ تۇرمۇشى قايسى دەرىجىدە ياخشىلانسۇن، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش ئىدىيەسىنى مەڭگۈ يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشىمىز، يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.