تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ھەيۋەتلىك كارتىنا نامايان بولدى

− شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ مىڭفاڭ، ئارداق، لى يانەن

  77 مىڭ نەپەر

  بۇ يىل شىنجاڭ 12 مىڭ خىزمەت ئەترىتى، 77 مىڭ كادىرنى كەنتتە تۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر، يېزىلارنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  537 مىڭ ئادەم

  2018-يىلى شىنجاڭدا جەمئىي 537 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %6.51كە تۆۋەنلىدى.

  7 مىليون 160 مىڭ ئىش

  2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىنى جەمئىي 15 مىليون 130 مىڭ قېتىم يوقلىدى، زىيارەت قىلدى، 7 مىليون 160 مىڭ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 7 مىليون 810 مىڭ مەيدان قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  قىپقىزىل پانۇسلار ئېسىلىپ، بايراملىق رەڭلىك چىراغلار جۇلالىنىپ چاقنىدى. بۇ يىل چاغاندا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى، شىنجاڭ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن جەمئىي 3 مىليون 11 مىڭ 700 ئادەم قېتىم كۈتۈۋالدى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.33 ئاشتى؛ 3 مىليارد 616 مىليون يۈەن ساياھەت ئومۇمىي كىرىمىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74.42 ئاشتى، ھەر ئىككىلىسىدە تارىخىي يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى تارقاتقان پايدا، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ يازغان يارقىن جاۋاب.

  2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭ ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىللە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ».

  ئىككى يىللىق گۈزەل چاغلار، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورتاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا رەڭدار ئىزلارنى قالدۇردى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى بۇرچى، مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئايلاندى؛ باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى گۈزەل شىنجاڭنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

  «مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىش»

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش

  پائالىيەت ئۆيىدە شادىيانە مۇزىكا ياڭرىدى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسىدىن مەززىلىك پىشقان گۆشنىڭ پۇرىقى تارالدى... 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتە، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى چاغان ئادىرىغى كەنتىدە، 60 ياشتىن ئاشقان نەچچە ئون ياشانغان كىشى دۆلەت ئېلېكتىر تورى تارباغاتاي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقان كادىرلىرى بىلەن بىللە، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. 92 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تورغا ئانا مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ياڭ شىچېڭ ئۇدا ئۈچ يىل كەنتتە تۇردى، ئۈچ قېتىملىق چاغاننىڭ ھەممىسىنى كەنتتە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چاغاندا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ 77 مىڭ ئەزاسى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا بىللە بولۇپ، بىرلىكتە كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مۇقىملىقنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسى پىلان تۈزۈش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، بىڭتۈەن پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى لىن ۋېي مۇنداق دېدى: «كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر».

  «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن ھەر يىلى 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر كەنتتە تۇرۇپ، بارلىق كەنت (مەھەللە)نى قاپلىدى، جەمئىي 350 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم تاللاپ ئەۋەتىلدى. بۇ يىل، جەمئىي 12 مىڭ خىزمەت ئەترىتى، 77 مىڭ كادىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، شەھەر، يېزىلارنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  «كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بولمىسا، كەنتنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى.» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى كونا بازار كەنتىدە، تۈپتۈز كەتكەن ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتى، ئاھالىلەرنىڭ قورۇلىرى رەتلىك گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەدەنىيەت مەيدانى، تاللا بازىرى، ساتىراشخانا قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر تولۇق ئىدى. كەنت ئاھالىسى ئېزىز مويدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى ئىلگىرىكىگە زور دەرىجىدە ئوخشىمايدۇ».

  «ئامما بىلەن بولغان قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئاممىنى يېتەكلەش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كونا بازار كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى جۇ زېپېي بۇ «سىر»نى ئاشكارىلىدى.

  «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش»

  «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنى قاتتىق چەكلەپ، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش

  يىراقتا توپ-توپ ياۋا ئاتلار چېپىپ يۈرەتتى، يېقىن جايدا بىر نەچچە كىچىك تۈلكە بىر-بىرى بىلەن ئويناقشىپ يۈرەتتى... بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭنىڭ قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جۇڭغار قۇلانى، جەرەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 خىل دۆلەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، بۇ يەرگە ماكانلاشقان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كۆچۈشكە باشلىدى. 2018-يىلى 12-ئايدا، 284 نېفىت قۇدۇقىنىڭ كەينى-كەينىدىن تاقىلىپ چۇۋۇۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇميۈزلۈك چېكىندۈرۈلدى.

  «نۆۋەتتە، قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىدىن 528ى ئېنىقلىنىپ تەرتىپكە سېلىندى، 360 ئورۇندىكى نېفىت قۇدۇقى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھەلەر چۇۋۇۋېتىلدى، 900دىن ئارتۇق ئورۇندىكى قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى چۇۋۇۋېتىلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جياڭ شياۋلۇڭ.

  سېلىنما سوممىسى 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كونا بالوننى قايتا ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ياكى قوبۇل قىلماسلىق كېرەكمۇ؟ ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ جاۋابى كېيىنكىسى بولدى. نېمىشقا؟ «مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ!»

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پىلان ۋە سېلىنما باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جۇ دايۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، شىنجاڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئۈچ يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرگە شىنجاڭدا ماكان قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش شىنجاڭدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى- تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

  «ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش»

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، 537 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى خۇڭشىن كەنتىنىڭ ئەسلىي نامى تاركىچىك كەنتى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «ھەم تار، ھەم كىچىك» دېگەن مەنىدە، كوئېنلۇن تېغىدىكى تار، كىچىك جىلغىغا جايلاشقاچقا مۇشۇنداق ئاتالغان. «بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنت تاغدىن كۆچۈرۈلدى، 273 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى كاپالەتلىك ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.» ئاپتونوم رايونلۇق سابىق كۆمۈر سانائىتى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خۇڭشىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ۋاڭ شاۋخۈي مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئورمان ئۆستۈرۈشى، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بەردى، يېتەكچىلىك قىلدى، 2018-يىلى بۇ كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن رەسمىي چېكىندى.

  خۇڭشىن كەنتىلا ئەمەس، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2018-يىلى بەختلىك بىر يىل بولدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ دىققەتنى داۋاملىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مەركەزلەشتۈردى، باشقا رايونلاردىكى كۆك نامراتلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى، پۈتۈن يىلدا جەمئىي 537 مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى %6.51كە تۆۋەنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەرمىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىز قەرز پۇل ئېلىپ پاي قوشۇپ، پايدىغا ئېرىشىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىيالايدىغان بولدۇق.» جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسى لاۋگۇاڭ كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دۆلەتنىڭ قەلبى مىننەتدارلىققا تولدى.

  بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، چارۋا مال باھاسىنىڭ سىجىل ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دۆلەتمۇ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىدى. 2017-يىلى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ۋاڭ جىخۇڭ ئۇنىڭغا كېپىلسىز، رەنىسىز نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇل كەسپىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ قەلبىدە بېيىش ئارزۇسى يالقۇنلىدى. 20 مىڭ يۈەن ئىش باشلاش قەرز پۇلىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇلتۇر ئۇ قەرز پۇل ۋە قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلدى. «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ماڭا ھېسابلاپ بېرىشىچە، بۇنداق قىلسام ھەم غەمدىن خالاس بولىدىكەنمەن، يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تاپالايدىكەنمەن، يىل ئاخىرىدا تېخى پايدا ئايرىپ بېرىدىكەن».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نۇقتا بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىڭلىغان كارخانا مىڭلىغان كەنتكە ياردەم بېرىش» ئارقىلىق دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچار ئېغىر نامرات كەنتلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ داۋاملىق ھالدا 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان، ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملايدۇ.

  «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش

  «ئىلگىرى ئاچام مېنى كۆرگىلى كېلەتتى، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاچامنى يوقلىيالىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم!» دېدى تۇنجى قېتىم كەنتتىن چىققان ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي يېزىسى ئۈستۈنكى ياباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇنساخان ياسىن.

  چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، تۇنساخان بىلەن «تۇغقىنى» ۋاڭ شىن توختىماي قىزغىن پاراڭلاشتى...

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك».

  2016-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى رەسمىي يولغا قويدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۈركۈم قېتىمغا بۆلۈنۈپ، يېزا، مەھەللىلەرگە بېرىپ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. 2018-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم تۇغقانلىرىنى يوقلايدىغان، ئائىلىلەرگە كىرىدىغان، ھەر قېتىمدا بەش كۈن تۇرىدىغان بولدى.

  «2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 1 مىليون 690 مىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىنى جەمئىي 15 مىليون 130 مىڭ قېتىم يوقلىدى، زىيارەت قىلدى، 7 مىليون 160 مىڭ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 7 مىليون 810 مىڭ مەيدان قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ كېيۇڭ مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش قىزغىنلىقى قوزغىتىلىپ، ھەر مىللەت ئامما سېنىڭ مېنىڭ دەپ ئايرىمايدىغان، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

  (خەلق گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.