تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى

(2019-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى)

  بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان مەزگىل، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدە جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق ۋەزىپىلەر بار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان، تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىملىققا ئىگە. جەزمەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك.

  «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنى ھەمدە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە جەزمەن ئورۇنداشقا تېگىشلىك قاتتىق ۋەزىپە ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا قويغان يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ۋەدە قىلىنغان يېزىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، كۈچنى توپلاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش

  (1) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ۋەزىپىلەرنى كەم-كوتسىز ئورۇنداش كېرەك. بېكىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بار بولغان سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ ھەل قىلىپ، قارىغۇلارچە ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋېتىش، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىپ، سان-سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى توسۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىشى ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ نۇقتا بېكىتىپ نامراتلارنى يۆلىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىملىق سۆھبەتكە چاقىرتىشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ھەر ۋاقىت سۆھبەتكە چاقىرتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (2) ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىش كېرەك. ئېغىر نامرات رايونلارنى دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چەكلەۋاتقان نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى نىشانلاپ، تىزىملىك چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش كېرەك. مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، خاس كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت ياردەم بېرىش-يۆلەش، كادىر-ئىختىساسلىقلار قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر ئالدى بىلەن «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىشى كېرەك. «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىن باشقا نامرات ئاھالە كۆپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى زور بولغان ئېغىر نامرات رايونلارنىڭمۇ مەبلەغ تۈرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  (3) گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر-بىرىگە باغلانماسلىق، خېيىم-خەتەرنى تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە بىۋاسىتە نەپ ئېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى كېيىنكى تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆچۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كېيىنكى يۆلەشكە سەل قاراش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بىر ئائىلىنى كۆچۈرۈپ، بىر ئائىلىنى مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەزگىلىدە ئوقۇشتىن چېكىنىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالماسلىق، ئوقۇشتىن چېكىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردىمى قاتارلىق كۆپ خىل كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى تور ئاساسىنى پۇختىلاپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە ئارقىلىق يۆلەش، ئەقىل ئارقىلىق يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلاردا كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، روناق تاپقۇزۇش شەكلىدىكى نامراتلارنى يۆلەش بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك نامراتلارنى يۆلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىپلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان دائىرىگە كىرگۈزۈش» ۋە قىسمەن نامرات ئاھالىنىڭ ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى دەل جايىدا ياردەم بېرىش-يۆلەش كۈچلىرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قوشۇنىغا ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەندىشىسىنى تۈگىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش، خىيانەت قىلىش، ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئالدىن ئېتىبار قىلىش، يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  (4) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە نامرات ناھىيە، نامرات كەنت، نامرات ئاھالە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامرات ئاھالىنىڭ قايتىدىن نامراتلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كىرىم سەۋىيەسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن سەل-پەل يۇقىرى بولغان ئاممىنى سىياسەت جەھەتتە قوللاش كەمچىل بولۇش قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇل، ياخشى يوللاردا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى كېڭەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىنكى نامرات ناھىيەلەردە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەت ۋە ئۇلۇغ روھنى يەكۈنلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەر 2020-يىلى ئورۇندالغاندىن كېيىنكى ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر يولىنى بالدۇر پىلانلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

  (1) ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىقنى يەر ئارقىلىق ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 1 مىليارد 650 مىليون موغا مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يۆلەش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سورت، تېخنىكا، ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىكى ئاساسىي پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون پايدا تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاشلىق كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ناھىيەلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات-تولۇقلىما سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق سېتىش رايونلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش تەڭپۇڭ رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئالاھىدە قوغداش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ 1 مىليارد 546 مىليون مودىن كۆپرەك سەۋىيەنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. زامانىۋى ھاۋا رايىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  (2) يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، 800 مىليون مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ باھالاپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، رەسىمگە ئېلىپ ئارخىپقا كىرگۈزۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. مەبلەغنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ توپلاش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. رايونلاشقان ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، ئېتىز، سۇ، ئورمان، يول، توكنى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى بىلەن مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونىنى ئايرىپ بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئالدىن «ئىككى رايون»غا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن باشلاش، شېكەر قومۇشى «قوش يۇقىرى» بازا قۇرۇلۇشى دائىرىسىنى ئايرىپ بېكىتىلگەن بارلىق قوغداش رايونلىرىغىچە قاپلىتىش كېرەك. ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى داۋاملىق يۈرۈشلەشتۈرۈپ سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەرقىي شىمالنىڭ قارا تۇپرىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىدا يەر ئاستى سۈيىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېغىر مېتالدىن بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  (3) يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. جىددىي قىس ۋە يېشىل سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە بۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دادۇرچىلىقنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا قىچا ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بېرىپ، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىلارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ۋە پۈتۈن مۇساپىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ياغاچ غوللۇق ياغلىق دانلارنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سۈتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سۈت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك سۈت كالىسى باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، بوۋاقلار- بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاشلىق، يەم-خەشەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ رايونلىرىدىكى باقمىچىلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونىدا، كۆلدە، ئامباردا، زىيادە زىچ تور ساندۇقىدا بېقىش بېسىمىنى ئازايتىپ، دېڭىز-ئوكيان باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دەريا، كۆل ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز رايونىدا بېلىق تۇتۇش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش رايونىدا تۇتۇشنى چەكلەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، نازارەت قىلىپ كۆزىتىش سىستېمىسى، سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئافرىقا چوشقا ۋاباسى قاتارلىق ھايۋانات يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (4) يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم كۈچلەرنى يېتىلدۈرۈپ، بىيولوگىيەلىك ئۇرۇقچىلىق، ئېغىر تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، يېشىل سېلىنما بۇيۇملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپا بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-ئوقۇتۇش-تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان سۇپا بەرپا قىلىپ، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى، پەن-تېخنىكا باغچە رايونى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، دادۇر ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى سورت-نەسىللىرىدە بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملىق تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى تېزدىن تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئاجىز ھالقىلاردا ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا سايمانلىرى كەسپىدە تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىجادىيىتى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىلغار، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى توپلاپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ۋە ھەرىكەتچان كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، قوشۇمچە مائاش ئېلىش، نەتىجە ھوقۇق-مەنپەئەت تەقسىمات سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  (5) مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىدىكى كاپالەتلىك ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا قويۇپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچىدە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شال، بۇغداينى جەزمەن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان سورت قىلىپ، كۆممىقوناق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دانلىق زىرائەتلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشكە، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇتلەق بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئائىت قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر ماتېرىياللىرى، تەبىئىي كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە سىرتقا چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ ھەم قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يېزا ئىگىلىك خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدە جىددىي قىس بولۇۋاتقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىمپورت يوللىرىنى ئېچىپ، دۆلەت ھالقىغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى گۇرۇھىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە تاشقى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاش

  (1) يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. جېجياڭنىڭ «1000 كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، 10 مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى تۈزەش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى ۋە كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، كەنت مۇھىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن پاكىز، رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىت ۋە ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلارنىڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشىغا، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشىگە ئىلھام بېرىپ، ئاددىي، ئاسان، ئۇزاق مۇددەت ئەسقاتىدىغان تۈزەش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تاللاپ، تېخنىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ يېڭىش كېرەك. يەرلىكنى ئاساس قىلغان، مەركەز ياردەم بېرىدىغان ھۆكۈمەت سېلىنمىسى مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. مەركەز مالىيەسى يېزىلاردىكى ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش بويىچە ئىلغار ناھىيەلەرنى مۇكاپاتلىشى كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىدا يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قوللاشقا مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە مەركەزلىك ئىشلىتىشىگە يول قويۇش كېرەك. جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى پائال قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى يېزا-كەنت ئىستىراھەت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك. كەنتلەردە پاكىزلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان كەنت ۋە ئەڭ گۈزەل ھويلا-ئاران بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىلەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، يۈزەكىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.

  (2) كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ «سۇ ئىچىش تەس بولۇش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەر بولماسلىق مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلىش كېرەك. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «يول باشلىقى تۈزۈمى» ۋە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شارائىتى بار رايونلار تەبىئىي كەنتلەرگىچە ئۇزارتىشى كېرەك. كەنت ئىچى يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىشنى تېزدىن تاماملاش كېرەك. ناھىيە، يېزا، كەنت ئوبوروت ئۇل ئەسلىھە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى قوللاپ، كارخانىلارنى ناھىيە، يېزا ۋە شارائىتى ھازىرلانغان كەنتلەردە ئەشيا ئوبوروتى بويىچە يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كەڭ بەلباغلىق تورنى كەنتلەرگىچە ئۇزارتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەنت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ باشقۇرۇش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جايلارنى باشقۇرۇش، ئاسراش خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  (3) يېزا ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ مائارىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردا بالىلار ساغلاملىقىنى ياخشىلاشنى ۋە دەسلەپكى تەربىيە، يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلچەملەشكەن كەنت داۋالاش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسى چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى ماس قەدەمدە بىرىكتۈرۈش كېرەك. شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر، يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈمى، نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە ئاياللار، ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، يېزىلاردا مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. شەھەر، يېزىلاردا بىرتۇتاش غەملىنىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت خىراجەت سېلىنمىسى مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (4) يېزىلاردا بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. تاغ-دەريا، ئورمان-ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئوغۇت، دورا تېجەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ مەنپىي ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك دەۋرىيلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغ-ماياقلىرى، شاخ-شۇمبا، سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك چىقىرىندىلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ناھىيەلىرىدە قىغ- ماياقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش بويىچە تۈزەشنىڭ پۈتۈن ناھىيەنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاق رەڭلىك بۇلغىمىنى زور كۈچ بىلەن تۈزەش كېرەك. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئالدىن يولغا قويۇلىدىغان رايون بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئورمانلاشقان بىر تۈركۈم يېزا-كەنتلەرنى قۇرۇپ، قەدىمىي، داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە ئۈنۈم تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەبىئىي ئورماننى ئومۇميۈزلۈك قوغداش كېرەك. «ئۈچ شىمال» رايونىدىكى چېكىنىپ كەتكەن ئىھاتە ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. تېرىقچىلىقتىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەردىكى دەريا-كۆل، سۇ رايونى قىرغىقى قاتارلىق سۇ ئېكولوگىيەسى بوشلۇقىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك.

  (5) يېزا-كەنتلەرنى يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پىلان بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۇللۇق خىزمەت قىلىپ، پىلان بويىچە باشقۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ كەنتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈش ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر يېزا-كەنتلەرنى پىلانلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئالدى بىلەن پىلانلاپ، ئاندىن قۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە يەردىن پايدىلىنىش، كەسىپ تەرەققىياتى، مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، سەھرانىڭ قىياپىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل پىلان بىرىكتۈرۈلگەن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە كەنت يىرىك پىلانى تۈزۈش كېرەك. يېزىلاردا ئۆي سېلىش ئىجازىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  تۆتىنچى، يېزا-كەنتلەردە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش

  (1) يېزا-كەنتلەردە خاس كەسىپلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىللىققا ئىگە خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»، «بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ بولۇش»نى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. مېۋە، كۆكتات، چاي، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، قارا ئاشلىق، پۇرچاق، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، خاس باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئالاھىدە گۈل-گىياھ قاتارلىق كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بىر تۈركۈم خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى قۇرۇشنى قوللاش كېرەك. مىللىي ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا-كەنت قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى قابىل ھۈنەرۋەنلەرنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ، بىر تۈركۈم ئائىلە ئىش مەيدانى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، يېزا-كەنت سېخلىرى قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ۋە تاۋار ماركىسىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم «يەرلىك داڭلىق ماركا»، «يېزا داڭلىق ماركىسى» قاتارلىق خاس مەھسۇلات كوزىر ماركىلىرىنى يارىتىش كېرەك.

  (2) زامانىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. «ئاشلىق تېرىشتىن تاماق ئۈستىلىگىچە»، «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇشقىچە»نى تۇتقا قىلىپ، ئاشلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارغا تايىنىپ ناھىيە تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسىپ توپى شەكىللەندۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، ئىمكانقەدەر كەسىپ زەنجىرىنى ناھىيە تەۋەسىدە قالدۇرۇپ، يېزا خام ئەشيا سېتىش، شەھەر پىششىقلاپ ئىشلەشتەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى تىجارىتىگە ماس كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، ناھىيە تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە بىر تۈركۈم كەسپىي كەنت-بازارلار ۋە پىششىقلاشتا كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي، يىغىلىدىغان-تارقىتىلىدىغان جاي، سېتىلىدىغان جايدا توپ سېتىش بازىرى قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى غول تورى ۋە سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا ۋە بىرلەشمە گەۋدە يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى، يېزىلارنىڭ كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىيات ئۈلگە باغچىسى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزىلاردا 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  (3) يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭىچە مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تەمىنات-سودا، پوچتا، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت شىركىتى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، ۋاكالىتەن يەر باشقۇرۇش، ۋاكالىتەن يەر ھەيدەش، ۋاكالىتەن تېرىش، بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تۈزەش، قۇرۇتۇش، يىغىش، ساقلاش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ بايلىق، ئېكولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئىستىراھەت ساياھىتى، يېمەك- ئىچمەك، ئائىلىۋى ياتاق، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساقلىقنى ساقلاش، قاتناش، ئۇچۇر، پوچتا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش كېرەك.

  (4) رەقەملىك يېزا-كەنت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك نەرسە تورى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، قوللىنىشنى كېڭەيتىش كېرەك. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتتىن چىقىرىپ شەھەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۇچۇرلارنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «ئالاقە تورى +»غا تايىنىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يېزىلارغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  (5) يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىپ، كەسىپلەرنى تەرتىپلىك پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، مۇۋاپىق كەسىپلەرنىڭ كىچىك شەھەر، بازارلارغا توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان يېزا-كەنت كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يار-يۆلەك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېزا-كەنتلەردە ئىشلەپچىقىرىش سېخى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ھەققىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىلەرنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ، شەھەر، بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنى تولۇق قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  (6) يېزا-كەنتلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، شەھەردىكى تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا قايتىپ، يېزىلارغا بېرىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىگىلىك تىكلەش تىرەك مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى قوللاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنى يېزا- كەنتلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش، كىرېدىت قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يۇرتىغا قايتقانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  بەشىنچى، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

  (1) يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئائىلىۋى ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ ئۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشۇش كېرەك. ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتىنى ياخشى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈلگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرىگە يار- يۆلەك بولۇش بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرىدىغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى»، «دېھقان ئائىلىسى + كارخانا» مەنپەئىتىنى چېتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەربىر ئائىلىنى پۈتۈن جەريانلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى توغرىسىدىكى پىكىرنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۇ تېجەشكە ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى نىزامىنى تۈزۈش كېرەك. كوللېكتىپ ئورمىنى ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان رايونى، ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنى گۇرۇھلاشتۇرۇش، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى كارخانىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  (2) يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلاپ، يانداش سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ھۆددە مۇددىتىنى ئۇزارتىش كونكرېت چارىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەتنىڭ جىپسىلىشىشىنىڭ سىلىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى جانلاندۇرىدىغان قانۇن-نىزام ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆددە يېرىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش ئاساسىدا، «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىش كېرەك. يەر ئوبوروتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ماس كېلىدىغان كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى كېپىللىكىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە يول قويۇش كېرەك. يېزا يەر تۈزۈمىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىسىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ئىسلاھات نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېزا يېرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇشىدا، خۇسۇسىيلاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا يېرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىشتە، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھۆددە يەر ۋە ئۆيلۈك يەردىن چېكىنىپ چىقىشنى دېھقانلارنىڭ شەھەرگە كىرىپ نوپۇسقا ئالدۇرۇشنىڭ شەرتى قىلىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىدا، يانداش تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يېرىنى ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش خاراكتېرىدىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى بازارغا كىرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر بازىرىنى تېز قۇرۇش كېرەك. ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشقا تىرىشىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئېھتىيات بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش، سىناق نۇقتىسى مەزمۇنىنى بېيىتىش، تۈزۈم لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئۆيلۈك يېرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش يېتەكچى پىكرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈش كېرەك. يېزا ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش نىزامىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەييارلاش كېرەك. بىكار تۇرۇۋاتقان ئۆيلۈك يەرنى تېرىلغۇغا قايتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ناھىيە تەۋەلىكىدە پۈتۈن رايون بويىچە يېزا-كەنتلەردىكى بىكار تۇرۇۋاتقان مەكتەپ ئۆيلىرى، زاۋۇت ئۆيى، تاشلاندۇق يەر قاتارلىقلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ۋە يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا چۈشكەنلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاشقا نۇقتىلىق ئىشلىتىشىگە يول قويۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇۋاپىق ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك. «چوڭ لاپاس ئۆي» مەسىلىسىنى تۈزەش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «يېزىلاردىن ئېلىپ، ئاساسلىقى دېھقانلارغا ئىشلىتىش» تەلىپى بويىچە، يەرلەرنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمنى ئىشلىتىش دائىرىسىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ سېلىنما نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ئىشلىتىش كېرەك. يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر-يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يېرىنىڭ كۆپىيىشى-ئازىيىشىغا چېتىشلىق ئېشىنما كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە ئاتلاپ تەڭشەپ ئىشلىتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، تەڭشەشتىن ئېرىشكەن پايدىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا ئىشلىتىش كېرەك. يەر باشقۇرۇش قانۇنى، نەرسە ھوقۇقى قانۇنى قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك.

  (3) يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىشنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كوللېكتىپ مۈلۈككە دائىر تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىدا، ئەزالارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق بېكىتىشنى ياخشى ئىشلەپ، سىرتقا ياتلىق بولغان قىزلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش خاراكتېرىدىكى مۈلۈك پاي ھەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. بايلىقنى مۈلۈككە ئۆزگەرتىش، مەبلەغنى پايغا ئۆزگەرتىش، دېھقاننى پايچىكقا ئۆزگەرتىش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ كېڭەيتىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوللېكتىپ مۈلۈك پاي ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى قانۇنىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودىسىنىڭ ئاشكارا قېلىپلىشىپ ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باج ئېتىبار سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (4) يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي مىقدارنى ئاشۇرۇش، ساقلانمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىكى تولۇقلىما سىياسىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇنلىشىش، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. «سېرىق ساندۇق» سىياسىتىنى تەڭشەپ ياخشىلاپ، «يېشىل ساندۇق» سىياسىتىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش يۈزلىنىشى بويىچە، شال ۋە بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆممىقوناق ۋە دادۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلار تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك كىرېدىت كېپىللىك ھەق نىسبىتى تولۇقلىمىسى ۋە تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ باھالاش كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كېپىللىك كۆلىمىنى تېزدىن زورايتىش كېرەك. كۆلەمنى كېڭەيتىش، سورتنى كۆپەيتىش، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش تەلىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شال، بۇغداي، كۆممىقوناقنىڭ تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك چوڭ ئاپەت سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە «سۇغۇرتا + قەرەللىك مال»نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىدا تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېردىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز پۇل ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تۈرلۈك قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا سودا بانكىسى، يېزا ھەمكارلىق بانكىسى، يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئۆز كەسپىگە قايتىپ، ئۆز جايىدىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سودا بانكىسىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. پەرقلىق تەييارلىق فوندى نىسبىتى ۋە پەرقلەندۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» كىرېدىت كېپىللىك مۇلازىمىتىنىڭ بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك كىرېدىت مەدىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەرەللىك مال، قەرەللىك ھوقۇق تۈرلىرىنى بازارغا سېلىشنى قوللاش كېرەك.

  ئالتىنچى، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش

  (1) يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت، بازار بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك كېڭىشىش، مەسلىھەتلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى ئاشكارىلاشنى ئالغا سىلجىتىش، كەنت دەرىجىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردا كەنت قائىدىسى ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزۈش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلامنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (2) يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دېھقانلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ئىدىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەشۋىقات- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، دېھقانلار ئاممىسىغا ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېنلىرى ۋە يېزىلارنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە، مەدەنىي كەنت-بازار، ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرى ۋە تىپلىرىنى قېزىپ ۋە تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت زالى، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، خاس مەدەنىيەت كەنت-بازار، كەنت- مەھەللىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىنىڭ چەكلەش خاراكتېرى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدىكى ناچار ئادەت، ئېغىر تويلۇق سېلىش، ۋاپادارلىق كۆرسەتمەسلىك، ياشانغانلارنى باقماسلىق قاتارلىق ناچار ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تۈزەشكە يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  (3) تىنچ-ئامان يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى قارا، رەزىل كۈچلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، «كەنت زومىگىرى» قاتارلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەتنى چىرىتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. دۈشمەن كۈچلەر، بىدئەت تەشكىلاتلار، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ يېزا رايونلىرىغا سىڭىپ كىرىشىگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تىنچ- ئامانلىق قۇرۇلۇشى كۈچلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ۋە ياخشى سەپلەپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى يېزىلاردىكى مەھەللىلەرگە قويۇش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنىڭ قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش، ئاممىۋى تازىلىق، يېمەكلىك- دورا بىخەتەرلىكى، گېئو ئاپەت زىيىنى قاتارلىق ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى ئاسان يۈز بېرىدىغان ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىيلەشكەن مۇداپىئە كۆرۈش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز قۇرۇپ، يېزىلارنىڭ «روشەنلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش، پەسەيتىش، تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، يېزىلاردىكى پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش

  (1) يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، تەشكىلىي كۈچنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىستېما قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. ئىلغار ياچېيكىلارنى كۆپەيتىپ، ئوتتۇراھال ياچېيكىلارنى ئۆستۈرۈپ، ئارقىدا قالغان ياچېيكىلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ناھىيەنى بىرلىك قىلىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا قارىتا «بىر كەنتكە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، بىرمۇ بىر تەرتىپكە سېلىش كېرەك. كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىغا بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالانغان، «كەنت زومىگىرى» ۋە رەزىل، قارا كۈچلەرگە چېتىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى ئەزالىرىنى قەتئىي تازىلاپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بەنزىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. 1-شۇجىلارنى ۋاكالىتەن ئەۋەتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامرات كەنت، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادى پۈچەك كەنتلەرگە ئومۇميۈزلۈك 1-شۇجى ئەۋەتىش ھەم بۇنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر كەنتلەرگىچە كېڭەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىقىغا تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇنەۋۋەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ئارىسىدىن يېزا-بازار رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، يېزا-بازارلارغا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش، يېزا-بازارلاردا كەسپىي ئىشتاتلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش دائىملاشقان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بەش يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ياش دېھقانلار، يېزىلاردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ يېزىلارنى تۇتۇش، كەنتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوملار ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەرەللىك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى ھەم ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئەزالىرى ئالمىشىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى يولغا قويۇپ، كەنت كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆتنى كېڭىشىش ئىككىنى ئاشكارىلاش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك مۇھىم ئىشلار، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەتقىق قىلىش، مۇزاكىرە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (2) كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ فۇنكسىيەسى، ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن تەسىس قىلىش، ۋەزىپىسى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىش بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قائىدىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتىلىق فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز-ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت ئىشلىرىدا قارار چىقىرىش ۋە ئاشكارىلاش، مال- مۈلۈكنى باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئىشلاردىكى نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كوللېكتىپنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش، كوللېكتىپنىڭ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش، كوللېكتىپتىكى ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  (3) كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ياكى ئۈستىگە ئېلىشىغا ماس كېلىدىغان خىزمەت، ئىشلارنى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇش ھەم زۆرۈر بولغان خىزمەت شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت يۈكىنى خالىغانچە ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا-بازارلىق، پونكىت-ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا- بازارلارنىڭ دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا-بازارلاردا دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان قوشۇن بولۇش، بايلىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (4) كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان، مۇقىم بولغان كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققى، تەمىناتى ۋە كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ئېشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى قوغداش قاتارلىق باشقا زۆرۈر چىقىملارغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، زورايتىشنى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ زورايتىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش باش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش

  (1) بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇل بولۇش، شەھەر، ناھىيە، يېزا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش يېزا خىزمىتى مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭىتىش كېرەك. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستاتىستىكا قىلىش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. 2019-يىلى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتكوملار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىي نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش پىكرىنى تۈزۈشى ھەم تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ئورۇندايدىغان قاتتىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 2020-يىلى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  (2) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر چوقۇم «تۆت ئالدىن» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، زىممىسىگە ئېلىپ، قولىدا تۇتۇپ، سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈپ باھالاش بىلەن باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلىرىنى سەپلەشنى ئالدىن ئويلىشىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سېپىگە تولۇقلاش، سەرخىل كۈچلەرنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە تولۇقلاش، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پىششىق بىلىدىغان كادىرلارنى تاللاپ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت بەنزىلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. « يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىيات ئامىلىنى تەقسىملەشنى ئالدىن قانائەتلەندۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى، باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسۇقلىرىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، يېزا ئامىلىنىڭ يەككە يۆنىلىشلىك يۆتكىلىش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، بايلىق ئامىلىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى مالىيەدە ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ساھە ۋە پۇل مۇئامىلىدە ئالدىن مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ساھە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مالىيەنى تېخىمۇ زور سالماقتا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا مايىللاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇلنى ئاساسلىقى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى قوللاشقا ئىشلىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت زايوم مەبلىغىنى بەلگىلىك نىسبەتتە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قوللاشقا ئىشلىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تۈزۈمنى بىر ئىزىغا سېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەكىل جەھەتتىكى ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ماھىيەت جەھەتتىكى ئادىللىققا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكچى پىكىر ۋە كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  (3) يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، سەپلەش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، غەمخورلۇق قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى كادىرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى تەشەببۇش قىلىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، دېھقانلارغا بولغان ھېسسىياتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش، نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىپ بولالماي چارچاپ ھالىدىن كېتىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى زېھنىي كۈچىنى ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشقا مەركەزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. يېزا-كەنتلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى ھەر دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى بىرتۇتاش ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى نىشانلىق، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئىش ئورنى بىلەن ئىشتاتنى مۇۋاپىق ئايرىش، ئىش ئورنى ئوقۇش تارىخى تەربىيەسى، ئۇنۋان باھالاپ بېكىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن كەسپىي تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە ئائىت سىياسەت-پىكىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  (4) دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشى، سىياسەت جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەپ-يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى قوزغاش، ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قوزغىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقرالار قۇرۇش-ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش، مەبلەغ- ئەمگەك كۈچى غەملەش، تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپى ۋە دېھقانلارنى بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدىغان كەنتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ يولغا قويۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش ۋە قوللاش كېرەك. مەبلەغ-ئەمگەك كۈچى غەملەشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كەنتلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈش تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تارايتىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىش ھەم ئارىدىن مەنپەئەت ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ھازىر، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، تەلىپى تەخىرسىز، يۇقىرىقى سەككىز جەھەتتىكى خىزمەتتىن باشقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرما قىلغان باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.