تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى؛ يىغىندا كۆپچىلىك باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار قاتناشتى. شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى، ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

  سۆزنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، ئۇ بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  بىرىنچى، باش شۇجىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماسلىق، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەسلىك كېرەك، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، نىشاننى كۆزلەپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، باش شۇجىنىڭ «پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە چۈشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، باش شۇجىنىڭ «دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. دەل جايىدا نامراتلارنى يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا قارىتىپ، دەل جايىدا بولۇشتا چارە- ئامال ئويلاپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، باش شۇجىنىڭ «سېلىنمىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەبلەغ جەھەتتە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەبلەغ جەھەتتە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېلىنما جەھەتتە كۈچەپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەبلەغ تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر پۇڭ پۇلنىمۇ دەل جايىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ سۇبيېكتلىق ۋە يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنىڭ يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، باش شۇجىنىڭ «جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ كۈچىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىپ، شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ھەمكارلىشىشى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نۇقتا بېكىتىپ نامراتلارنى يۆلىشى، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ نامراتلارنى يۆلىشى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلارنىڭ نامراتلارنى يۆلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇجەسسەملەشكە پائال يېتەكلەش كېرەك.

  ئالتىنچى، باش شۇجىنىڭ «قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسكىن بولۇشنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ھەيدەكچىلىكنى چىڭىتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنى چىڭىتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىپ، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆرسەتكەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە- ئۈنۈمىنىڭ ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يەتتىنچى، باش شۇجىنىڭ «ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار، ئاممىغا بولغان تەشۋىقات، تەربىيە، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تىپىك ئۈلگە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش، يۆلەش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

  سەككىزىنچى، باش شۇجىنىڭ «قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش كېرەك. «ئاۋۋال بېيىغانلار بېيىشتا كېيىن قالغانلارغا ياردەم بېرىش، شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بىڭتۈەن يەرلىككە ياردەم بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بىرلىكتە ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.