تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:
قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك
شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2019- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلارنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى بايان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، تېز ۋە پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق ھەقىقىي ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى پائال پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش؛ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى چۆرىدەپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا سېلىشقا يەنىمۇ جەلپ قىلىش؛ شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىشنى چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يەنىمۇ تېزلىتىش؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش؛ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشنى چۆرىدەپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىڭتۈەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى»نى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش كېرەك.

    چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۈنۈم كۆرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش، ئومۇمىيەتنى تۇتۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ياخشى «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى» بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشى كېرەك، پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىشكە قاتتىق دىققەت قىلىپ، نازارەتچىلىك، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى فۇنكسىيەسىگە ئاساسەن ئىش تەقسىملەپ، ئۆز ساھەسىدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تۇتۇشى كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، پائال قوللاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.