تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسەتلەر قەلبلەرنى ئىللىتتى، كىشىلەرنى ئىشچان، چېۋەر قىلدى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياخشى ئوخشىدى

[باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىشى ــــ نامرات يېزا-كەنتلەردىن تارالغان نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايە]

 شىنجاڭنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى ــــ

سىياسەتلەر قەلبلەرنى ئىللىتتى، كىشىلەرنى ئىشچان، چېۋەر قىلدى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ياخشى ئوخشىدى

 مەن بۇ قېتىم مەركەزنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭگەن-سىڭمىگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلدىم. پارتىيەمىزنىڭ بارلىق سىياسەتلىرى ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدەپ تۈزۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  ــــ شى جىنپىڭ

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شياۋدۇڭ، جوۋ شياۋيۈەن، ئارداق

  زىمىستان قىش مەزگىلىدە، ئابدۇكېرەم قادىر ئائىلىسىنىڭ پارنىكىنىڭ ئىچى باھاردەك ئىللىق ئىدى. «لاڭخادىن يېقىندىلا مول ھوسۇل ئالدىم، سامساقنىمۇ تېرىپ بولدۇم، چوقۇم ياخشى باھادا ساتالايمەن!» دېدى ئابدۇكېرەم خۇشال ھالدا يېڭى بىخ چىقارغان سامساق مايسىلىرىغا قاراپ تۇرۇپ.

  ئابدۇكېرەمنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق ئاياغمەنگەن كەنتى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىغا جايلاشقان. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان. باش شۇجى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: مەن بۇ قېتىم مەركەزنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭگەن-سىڭمىگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلدىم. پارتىيەمىزنىڭ بارلىق سىياسەتلىرى ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدەپ تۈزۈلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  «مەن باش شۇجىغا دوكلات بېرىمەن، 2016-يىلى مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم! پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ياخشى!» ئابدۇكېرەمگە ئوخشاشلا، ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن 247 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  شۇ يىلى، كەنت ئاھالىسى قاۋۇل مەمەت خۇشاللىقىدا قولىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى غېجەكنى ئېلىپ «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» دېگەن مۇزىكىنى ئورۇنلىغانىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خۇددى مۇشۇ مۇزىكىدا كۈيلەنگەندەك گۈزەل بولۇشىنى تىلىگەنىدى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى تىلەك بۈگۈنكى كۈندە رېئاللىققا ئايلاندى.

  قورۇدىكى ئۆزگىرىش ــــ

  ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقى كىرىمنىڭ ئېشىشىنى تېزلەتتى، سۈپۈرگە بېيىش يولىنى «سۈپۈرۈپ» ئاچتى

  «شۇ كۈنى دەرۋازام ئالدىدا، مەن باش شۇجىغا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالغاندا كىيگۈزىدىغان گۈللۈك دوپپىسىنى ھەدىيە قىلدىم، ئۇ خۇشاللىق ئىلكىدە كىيىۋالدى» دېدى ئابدۇقېيۇم روزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئۆز ئائىلىسىدە مېھمان بولغاندىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ.

  «باش شۇجى ئۆيىمىزدىكى ھۇجرا ئۆي، ئاشخانا، قوي-كالا قوتىنى، باغ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىمنى تەپسىلىي ئىگىلىدى». شۇ چاغدىكى ئەھۋال ئېنىق ئېسىدە ساقلىنىپ قالغان ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى: «باش شۇجى ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇ سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى».

  تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئابدۇقېيۇمنىڭ ئائىلىسىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى: شۇ چاغدا ئۇ ئائىلىسىدە ئىككى كالا باققانىدى، ھازىر 17 كالا، 11 قوي، 120 كەپتەر بېقىۋاتىدۇ؛ قوي-كالا قوتىنى ئىلگىرى تۇرمۇش رايونى بىلەن تۇتاش ئىدى، ھازىر تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونى ئايرىۋېتىلدى، ھويلا رەتلىك، پاكىز بولدى؛ كۆكتاتلىققا يېڭىدىن پارنىك ياسىلىپ، تاۋۇز، بۆلجۈرگەن، ياڭاق، ئۆرۈك، چەيزە قاتارلىق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشايدىغان بولدى.

  «بۇ ھويلىمىزنى كىچىك كۆرمەڭ، بىر يىلدا 40-30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن تېخى! بىر كالىنى ساتسام ئاز دېگەندە 3000 يۈەن تاپالايمەن، بىر يىلدا ئىككى قېتىم قوتاندىن چىقىرىمەن. 2016-يىلى، ئائىلەمنىڭ ئومۇمىي كىرىمى ئاران 10 مىڭ يۈەن ئىدى، ھازىر 70 مىڭ يۈەندىن ئاشتى». بارماقلىرىنى پۈكۈپ كىرىم ھېساباتىنى قىلىۋاتقان ئابدۇقېيۇم ناھايىتى غەيرەتلىك كۆرۈنەتتى.

  «ئاياغمەنگەن كەنتىدىكىلەرگە ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنى رەتلىگەندە 700-600 مو يەر بىكار بولدى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان بولدى». شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ 1-شۇجىسى شېن دېيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناھىيە 181 نامرات ئائىلىنىڭ ھەربىرىگە ھويلا- ئاران تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 5000 يۈەن ياردەم پۇلى بەردى، پەقەت مۇشۇ بىر تۈردىلا، ھەربىر ئائىلە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.

  ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ۋارىس قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ياسىلىپ بولغان سۈپۈرگىلەر ئۆينىڭ تورۇسىغىچە دۆۋىلەنگەن بولۇپ، مال ئېلىشقا كەلگەن يۈك ئاپتوموبىلى ئۆينىڭ سىرتىدا ساقلاپ تۇراتتى.

  قادىر ئەيسا ۋە خوتۇنى روشەنگۈل ئابدۇكېرەم قول-پۇتىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا، ئاق قوناق غولىدىن بىر كىچىك سۈپۈرگە بوغۇپ بولدى. «بىز ئىككىمىز دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدا ھەر كۈنى بۇ يەردە ئالتە سائەت ئىشلەيمىز، بىر كۈندە 40 سۈپۈرگە بوغىمىز، بىر سۈپۈرگىدىن بەش يۈەن ساپ كىرىم قىلىمىز، بىر ئايدا 6000 يۈەن تاپالايمىز. بۇنىڭغا ئۆيدە باققان كالا-قوي ۋە تېرىغان كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەر قوشۇلۇپ، يىللىق كىرىمىمىز 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن چۈشىمىزگىمۇ كىرىپ باقمىغانىدى!» دېدى روشەنگۈل تېخىمۇ غەيرەتلىنىپ.

  «ۋارىس» دېگەن سۆز «ۋارىسلىق قىلىش» دېگەن مەنىدە. شۇ جايدا، سۈپۈرگە بوغۇش يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان قول ھۈنەر سەنئىتى. بۈگۈنكى كۈندە، 57 نامرات ئائىلە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ھەربىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدى، كىچىككىنە سۈپۈرگە بېيىش يولىنى «سۈپۈرۈپ» ئاچتى.

  ئۆي ئىچىدىكى ئۆزگىرىش  ــــ

  كېسەك ئۆينى چېقىپ خىش ئۆي سېلىش، كاڭنى بۇزۇپ بەنچاڭ ياساش

  2019-يىلى چاغان ئالدىدا، ئابلەت تۇراققا خۇشاللىق بولدى − ئۆيىنى يېڭىدىن زىننەتلەپ پۈتتۈرۈپ، ئائىلە سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېڭىلىدى.

  ئىلگىرى، ئۈچ مو يەر ئابلەت تۇراق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممە كىرىم مەنبەسى ئىدى. دادىسى ئۇزاق يىل كېسەل تارتقاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. «ئۇ ۋاقىتلاردا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىر ئېغىزلىق ئاددىي كېسەك ئۆيدە قىستىلىشىپ تۇراتتۇق، ئىشىك ئالدى قوتان ۋە كەنتىمىزگە تۇتىشىدىغان بىردىنبىر توپا يول ئىدى، يامغۇر ياغقان كۈنى سۇ كېچىپ ئۆيگە كىرەتتۇق».

  2014-يىلىنىڭ ئاخىرى، شۇ جايدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئابلەت ئائىلىسىدىكىلەر پاكىز تاختاي ياتقۇزۇلغان، يورۇق دېرىزە ئورنىتىلغان، يەنە پاكىز سۇ تۇرۇبىسى ئۇلانغان 85 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. مۇشۇ ئىككى يىلدا، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئابلەت يەنە ئۆيىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  ئۆي ئىچىدىكى ئۆزگىرىشمۇ ئاز ئەمەس. «قاراڭ، بىز ئولتۇرۇۋاتقىنىمىز بىر يۈرۈش ئالتە كىشىلىك سافا» دېدى ئابلەت سېھىرگەرلىك قىلغاندەك مۇخبىرغا جابدۇقلارنى كۆرسىتىپ، «ھازىر بۇ سافا، ساجى، ساجى ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت قوشساق تاماق ئۈستىلىگە ئايلىنىدۇ، سافانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قاتلانغان تاختاينى ئېچىپ ساجىنىڭ ئۈستىگە قويساق كارىۋات بولىدۇ، بەك راھەت!»

  تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى، تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگەردى. 2017-يىلىدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى «يېڭى ئادەتنى تەشەببۇس قىلىش، يېڭى كەيپىيات تۇرغۇزۇش، يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش»نى باش تېما قىلغان «ئۈچ يېڭى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  «تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆستۈرۈلۈشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ زۆرۈر شەرتى» دېدى توققۇزاق بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ ۋېنجيې.

  «تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى كاڭنى چېقىپ كارىۋات ئىشلەتتى، سافا قويدى، ئاشخانىسىنى، ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتتى، زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىگە پائال يۈزلەندى، كۆپچىلىكنىڭ روھىي ھالىتىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولدى!» دېدى شېن دېيىڭ.

  بۇھەجەر يانتاقنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ كېلىنى ھاجىگۈل توختى بىلەن بەنچاڭدا ئولتۇرۇپ يېڭى داستىخان تىكىۋاتاتتى.

  «يېڭى ياتلىق بولۇپ كەلگىنىمدە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى كاڭدا ئۇخلايتتۇق، ھەم قىستاڭ، ھەم قولايسىز ئىدى». ھاجىگۈل بۇلارنى دېگىنىدە سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى، «2017-يىلى ئۆيدىكى كاڭنى چېقىپ بەنچاڭغا ئۆزگەرتتۇق، 2018-يىلى يەنە يېڭى ئۆي سالدۇق، ئۆزىمىزنىڭ ھۇجرىسىمۇ بار بولدى، مەن يەنە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنى ئاچتىم، سوداممۇ يامان ئەمەس!»

  كاللىدىكى ئۆزگىرىش  ـــــ

  سىياسەتنىڭ ياخشى بولۇشىغا ئادەمنىڭ تىرىشچانلىقى قوشۇلسا، «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر» «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگىرىدۇ

  «بالىلار مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇيدۇ، پۇقرالار كېسەل كۆرسەتسە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، ئۆي سالساقمۇ تولۇقلىما بار» پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا، 86 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئوبۇل ھاشىم بىر-بىرلەپ ساناپ بەردى.

  ئوبۇل ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ پېشقەدەم پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، 64 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە. «مەن جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، بۈگۈنكى كۈننىڭ ئاسان قولغا كەلمىگىنىنى بىلىمەن، پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز سۆزلەپمۇ تۈگىتەلمەيمەن». ئوبۇل يۇرتداشلىرىغا دائىم پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى خالىس تەشۋىق قىلىدۇ.

  «ئەڭ نامرات ۋاقتىمدا يانچۇقۇمدا پەقەت 200 يۈەنلا قالغانىدى. ئۆيۈم بىر ئېغىزلىق كېسەك ئۆي بولۇپ، ئاران بىر پارچە گىلەم، بىر پارچە كىگىز بار ئىدى، ھەتتا تاماق ئېتىدىغان ئوچىقىممۇ يوق ئىدى» دېدى 37 ياشلىق ئابدۇرېھىم سۇلايمان. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ 15 مو يەر ۋە ئالتە پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئۆزگىچە كۆكتات تېرىغان. «2017-يىلى، بازار ئەھۋالى ياخشى بولغاچقا، بەسەيدىن 60-50 مىڭ يۈەن پۇل تاپتىم، ئۆي سېلىشقا ئالغان قەرزىمنىڭ ھەممىنى قايتۇرۇپ بولدۇم. مەن تېخىمۇ كۆپ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن!»

  «سىياسەت بۇنچە ياخشى تۇرسا، پەقەت جاپاغا چىداپ ئىشلىسەكلا چىقىش يولى تاپالماسلىقتىن نېمە غەم!» ئابدۇكېرەمدىمۇ ئوخشاشلا چوڭقۇر تەسىرات بار ئىدى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئالتە پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، لاڭخا، جاڭدۇ، سامساق قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى، بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئېلىپ، ساپ كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ئابدۇكېرەمنىڭ يەنە قالتىس تامچىلىق ھۈنىرى بار بولۇپ، بىر كۈندە 300 يۈەن ئەتراپىدا، بىر يازدا 30-20 مىڭ يۈەن تاپالايدۇ.

  كوناشەھەر ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاياغمەنگەن كەنتى ئۆزگىچە تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ «كۆك- تاق» بازىسىنى ياراتتى. 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، كەنتتە كەينى-كەينىدىن 154 كۆكتات پارنىكى ياسىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 1000 يۈەن ئاشۇرۇلدى.

  «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى ئەمىن ئۆيلەرنىڭ تاملىرىغا يېزىلدى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە يېزىلدى. «ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئالدىراش بولۇپ كەتتى!» دېدى 68 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابدۇكېرەم ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا.

  «باش شۇجى نامراتلارنى يۆلەشنى ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى». شۈ ۋېنجيې مۇنداق دېدى: پۇتۇڭخۇا، ماھارەت، قانۇن قاتارلىق بىر قاتار تەربىيەلەشلەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، ئىدىيە جەھەتتىمۇ «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر»دىن «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەردى.

  «باش شۇجى شۇ كۈنى ئۆيۈمگە كەلگەن چاغدا، مېۋە-چېۋىلەر تېخى پىشمىغانىدى. مەن باش شۇجىنى مېۋىلەر پىشقاندا كېلىپ ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلدىم، باش شۇجى خۇشال ھالدا <ماقۇل، مېنىڭچە شۇ چاغدا مېۋە-چېۋىلەر چوقۇم بەك تاتلىق، يېيىشلىك بولىدۇ> دېگەنىدى». ئابدۇقەييۇم مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ كەنتىمىزگە يەنە كېلىپ، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى كۆرۈپ بېقىشىنى، ئائىلىمىزدىكىلەر تېرىغان مېۋە- چېۋىلەرنى تېتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

  داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، شىنجاڭچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىنى تېپىپ چىقتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە ھەم بۇ تەۋەلىكتىكى 192 ئېغىر نامرات يېزا-بازار، 1962 ئېغىر نامرات كەنت ۋە 1 مىليون 627 مىڭ 500 نامرات ئاھالىنى بېكىتىپ، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى قىلدى. خاس كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، بوغما ھالەتلىك چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاش قاتارلىق سەككىز مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چۆرىدەپ، چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش، ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. نامرات ئاممىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىننەتدارلىق تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.